ئەڭ چوڭ چارۋىچىلىق مەيدانى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئاۋسترالىيىنىڭ ئىسكەندىرىيە چارۋىچىلىق مەيدانى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چارۋىچىلىق مەيدانى بولۇپ، 1873 - يىلى بۇ ئورۇننى تاللاپ بېكىتىش ئۈچۈن رۇبىرىت كولنىس ئاتلىق 2575 كىلومېتىر يول ماڭغان. بۇ چارۋىچىلىق مەيداننىڭ 66 قۇدۇقى، 90 خىزمەتچىسى بار، ئىلگىرى 2 مىليون 916 مىڭ 818 گېكتار يېرى بار ئىدى، ھازىر 16 مىڭ 835 كۇۋادىرات كىلومېتىر يېرى بولۇپ، 58 مىڭ قىسقا مۈڭگۈزلۈك كالا بېقىلىدۇ. 1915 - يىلىغا كەلگەندە، ئاسترالىيىدىكى ۋىكتورىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى كېڭىيىپ 90 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يەتكەن.