UyghurWiki
UyghurWikiئاڭبىر نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ موزايلىغان سىيىر

بىر نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ موزايلىغان سىيىر

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1964 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موگلېۋدا بىر سىيىر بىر نۆۋەتتە 7 موزاي تۇغقان. بۇ سىيىرنىڭ ئسىمى <ئارزۇلۇق بالا> بولۇپ، دېگەندەك ئىسمى جىسمىغا تازا لايىق كەلگەن. 1928 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مانچېستېرلىق T. ياروۋدىنىڭ بىر سىيىرى بىر قېتىمدا 5 موزاي تۇغقان. ئەنگلىيە ۋېلمىڭتون شەھرى ۋاردېن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلغان بىر سىيىرى 30 ياشقا كىرگەندىمۇ تۇغۇش ئىقتىدارىنى يوقاتمىغان. بۇ نەسىل قالدۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغان رېكورتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ سىيىر 1957 - يىلى 11 - ئايدا 32 يېشىدا ئۆلگەن. ئەنگلىيە گاللېس شەھرىدىكى ۋېست خوك دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خېرې فورد شالغۇتلاشتۇرۇلغان سىيىرى 1955 - يىلى 5 - ئايدا 30 - موزىيىنى تۇغقان. بۇ سىيىر 1956 - يىلى 40 يېشىدا ئۆلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ