UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ يولۋاس

ئەڭ چوڭ يولۋاس

دۇنيادىكى ئەڭلەر يولۋاس ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا خاس ھايۋان بولۇپ جەمئىي سەككىز تۈرى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي شىمال يولۋىسى ھازىرقى يولۋاسلارنىڭ پادىشاھىدۇر. شەرقىي شىمال يولۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئادەتتە 180 - 200 كىلوگرام كېلىدۇ، ئەڭ ئېغىرى 350 كىلوگرامغا يېتىدۇ؛ گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىرچە كېلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇنى ئۈچ مېتىرغا يېتىدۇ؛ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىرچە كېلىدۇ. باشقا يولۋاسلار بۇلاردىن كىچىك. بېنگال يولۋىسىنى ئالساق، چوڭلىرىنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران 1.65 - 1.95 مېتىر كېلىدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا، كىچىك ھىنگان، چاڭبەيشەن تاغلىرىنىڭ 1000 مېتىردىن تۆۋەن ئېدىرلىقتىكى ئېگىز - پەس جايلىرىدا ياشايدۇ، ئۇلار بولۇپمۇ قىزىل قارىغاي ئاساس قىلىنغان، تىكەن يوپۇرماقلىق دەرەخلەر بىلەن كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر ئارىلاش ئۆسكەن ئورمانلاردا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسى كېچىدە يۈرگۈچى ھايۋان بولۇپ، كۈن پاتقاندىن كېيىن ۋە كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ھەرىكىتى جىددىيلىشىدۇ، كۈندۈزى ئۇخلايدۇ، يېرىم كېچىدە دەم ئالىدۇ. شەرقىي شىمال يولۋىسى ئىنتايىن ئالقىشلىنىدىغان قىممەتلىك كۆرگەزمە ھايۋىنى بولۇپ، گەۋدىسى سالاپەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك، يۇڭى ئاچراق ۋە چىرايلىق كېلىدۇ. لېكىن شەرقىي شىمال يولۋاسلىرىنىڭ سانى ھازىر ناھايىتى ئازىيىپ كەتتى، ئەگەر ئۇلار مۇۋاپىق قوغدالمىسا، نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ، شەرقىي شىمال يولۋىسى ھازىر مەملىكىتىمىز بويىچە قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ