ئەڭ بۇرۇن ئايغا چىققان ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1930 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئامېرىكا ئوھىئو شتاتىنىڭ ۋاپاكونېتادا تۇغۇلغان نېل ئالدېن ئارمىستىروڭ، ئاپالو 11 - ئالەم كېمىسى بىلەن ئايغا چىقىش ئۇچۇشىغا قاتناشقان. 1969 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 3 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە (فرانسىيە ۋاقتى) ئاي شارىنىڭ <تېىنچ دېڭىز> رايونىغا قونغان. ئۇ، دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئاي شارىغا چىققان ئادەم. ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېدۋىن ئالدىرىنىمۇ ئايغا چىققان. ئالدىرىن 1930 - يىلى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكا نيوجىرىس شتاتىنىڭ مونتكىل شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇلار ئايغا چىققان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مىكئە ئېل كوللىنىس (1930 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى رىمدا تۇغۇلغان) ئاپالو ماركىلىق ئالەم كېمىسىنىڭ ماشىنا بۆلۈمىدە ئاي شارىنىڭ ئوربىتاسىنى بويلاپ ئۇچۇۋاتقان ئىدى.
LEM ياكى LM <قارچۇغا> ماركىلىق ئالەم كېمىسى 1969 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت 21 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە (فرانسىيە ۋاقتى) ئايغا يېتىپ بېرىپ، 21 سائەت 36 مىنۇت 46 سېكۇنتتىن كېيىن، يەنى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سائەت 18 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە ئايدىن ئايرىلغان. ئاپالو 11 - ئالەم كېمىسى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن 7 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە كېننېدى تۇمشۇقىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئاپالو ئايغا چىقىش پىلانى ئامېرىكىنىڭ ئالەمگە ئۇچۇشتىكى ئەڭ چوڭ پىلانى بولۇپ، ئۇنىڭغا 376 مىڭ خادىم قاتناشتۇرۇلغان. 1966 -, 1967 - يىل ئارىلىقىدا چىقىم قىلىنغان خىراجەت 29 مىليارد 500 مىليون فرانكقا يەتكەن