ماتېماتىكىدا ھەل بولمىغان ئەڭ دەسلەپكى قىيىن مەسىلە
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ماتېماتىكىدىكى نۇرغۇنلىغان قىيىن مەسىلىلەر ۋە قىياسلار نۇرغۇنلىغان ماتىماتىكىلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. مەشھۇر گولد باخ قىياس دۇنيادىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 1770 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماتېماتىكا شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇندا قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقىسىى فېرما چوڭ تېمورىمىسى ھېسابلىنىدۇ.
فېرما (1601 - 1665 - يىللار ) فرانسىيە ئۇلۇغ ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كىچىكلىكىنى نيۇتوندىن بۇرۇن دىففېرىنسىياللىق ئىدىيە بويىچە تاپماقچى بولغان. ئۇنىڭ سان نەزەرىيىسى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ ئەتراپلىق ئىدى. فېرما تەخمىنەن 1650 - يىللاردا باشې يازغان « دىوفانت ئارېفمېتىكىسى»دېگەن كېتابنى ئوقۇغاندا ئاتاقلىق فېرما چوڭ تىئورمىسى دېگەن ئەنە شۇ n=2 بولغاندا، ھەممىگە مەلۇم بولغان گۇگۇ تىئورىمىسىغا ئاساسلانغان بولىدۇ. n = 3 بولغاندا، فېرما x نىڭ كۇپى قوشۇلغان yنىڭ كۇپى تەڭ z نىڭ كۇپىنىڭ يېشىمى چوقۇم مۇسپەت پۈتۈن سان بولمايدىغانلىقىنى قەتئىي ئىسپاتلايدۇ. بەت يېنىدىكى بوش يەرگە پاتمىغانلىرىنى باشقا يەرگە يېزىپ قويغان، بىراق فېرمانىڭ ئىسپاتى كېيىن زادى تېپىلمىغان. كېيىنكىلەر ئۇنى يېشىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلەپ باققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇنى يەشكۈچە 150 مىڭ مارك مۇكاپات بېرىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ھېچكىم يېشەلمىگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالدىنقى يىللاردا ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىتىكى داشۆنىسىنىڭ بېركېلېي شۆبىسىدىكى روسى nنى 40،000،000 قىلىپ باققان بولسىمۇ، يەنىلا ئىسپاتلىيالمىغان. (جاڭ ديەنمىياۋ)