قۇشلارنىڭ ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئاستا قانات قېقىشى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى قانات قېقىپ ئۇچۇش، يەنە بىر خىلى لەيلەپ ئۇچۇش،بۇ ئىككى خىل ئۇچۇش پۈتۈنلەي ھاۋ دىنامىسكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. قۇشلارنىڭ ئۇچۇش جەريانىدىكى كۆتۈرۈلۈش كۈچى قانات كۆلىمىگە توغرا تاناسىپ، شۇنىڭدەك ئۇچۇش تېزلىكىمۇ توغرا تاناسىپ بولىدۇ. شۇڭا قانىتى نىسپىي ھالدا قانچە كىچىك بولغان قۇشلارنىڭ قانات قېقىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
مەلۇمكى، ھەرە قۇش دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك قۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قانىتى ناھايىتى كىچىك، قانىتىنىڭ نىسپىي كۆلىمىمۇ چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەدەر يۇقىرى ئۇچۇش ئېگىزلىكىنى ۋە بوشلۇقتا توختاش قاتارلىق ئالاھىدە ئۇچۇش ماھارىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تېز قانات قاقماي بولمايدۇ. بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ كۆكرەك مۇسكۇلىنىڭ نىسپىي چوڭلۇقى قۇشلار ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قانات قېقىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، بەزىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇ سېكۇنتىغا 90 قېتىم قانات قاقالايدىكەن. گۈلنىڭ ئالدىدا خۇددى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوخشاش توختىغاندا، قانات قېقىشى مىنۇتىغا 50 قېتىمغا يېتىدىكەن. شۇڭا ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز قانات قاقىدىغان قۇش ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىچە، قۇشلارنىڭ قانىتى نىسپىي كۆلىمى قانچە زور بولسا، كۆتۈرۈلۈش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ. بەزى يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ قانىتى زور بولغانلىقتىن، ئۇلار بوشلۇقتا يۇقۇرىغا كۆتۈرۈلىدىغان ھاۋا ئېقىمىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنالايدۇ. شۇڭا ئۇلار تېز قانات قاقمايلا ھاۋادا لەيلەپ ئۇچالايدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چوڭ تاز قۇشنى ئالساق، ئۇ ھاۋادا بىر قېتىممۇ قانات قاقمايلا ھاۋادا لەيلەپ ئۇچالايدۇ. بەزىدە قانات قېقىش نىسپىتى سېكۇنتىغا بىر قېتىمغا توغرا كېلىدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى بىرنەچچە خىل زور يىرتقۇچ قۇشلار مەسىلەن: تاز بۈركۈت، ساقاللىق تاز بۈركۈت، تاز قارالارمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇلار دائىم چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى ئېگىز تاغلاردا، ئوتلاقلاردا ئۇدا بىر نەچچە سائەت قانات قاقماي تۆۋەنگە قاراپ لەيلەپ ئۇچۇپ، جەسەتلەرنى ۋە ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ھايۋانلارنى ئىزلەيدۇ. دېڭىز - ئوكيانلاردىكى ئالباتروسمۇ ناھايىتى ياخشى لەيلەپ ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭ قانىتى ئانچە كەڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئۇزۇن، شۇڭا ئۇ دېڭىز ئوكيانلاردىكى ئۆزگىرىشچان ھاۋا ئېقىمىغا ئوبدان ماسلىشىپ، ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئۇزاق مۇساپىگە لەيلەپ ئۇچالايدۇ.(ۋاڭ جياجۈن)