UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ ھەربىي كېمە

ئەڭ چوڭ ھەربىي كېمە

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھەربىي كېمىلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈزگۈچ مىنالىق ماتۇرلۇق كېمە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنىتىلغان ماتورلۇق كېمە، مىنا تازىلىغۇچى كېمە، مىنا سۈزۈۋالغۇچى كېمە، قوغدىغۇچى كېمە، ئوكيان چارلىغۇچى كېمە، سۇ ئاستى كېمىسى ۋە ئاۋىئاماتكا قاتارلىقلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۇشۇ كېمىلەر ئائىلىسىدە ئاۋىئاماتكا ئەڭ زور كېمە ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچى بىلەن يۈرىدىغان «نىمىتس» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىئاماتكا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تونناژى ئەڭ زور بولۇپ، سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 91400 توننىغا يېتىدۇ. «نىمىتس» ئامېرىكىنىڭ نيۇپوس كېمە زاۋۇتىدا ياسالغان بولۇپ، 1972 - يىلى 13 - مايدا سۇغا چۈشۈرۈلگەن. 1975 - يىلى ياسىلىپ بولغان. «نىمىتس» نىڭ گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 332 مېتىر، كەڭلىكى 40.8 مېتىر، سۇغا چۆكۈش دەرىجىسى 11.3 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا 100 گە يېقىن ئايروپىلان سىغىدۇ. ھازىر ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان «ئېيزېنخوۋېر» ناملىق يەنە بىر ئاۋىئاماتكا بار، ئۇمۇ «نىمىتس» قا ئوخشاش يادرو قۇۋۋىتى بىلەن يۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ