زامانىۋى تۇنجى فىزىكا تەجرىبىخانىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەنگلىيىدىكى كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى ئەڭ دەسلەپكى زامانىۋى فىزىكا تەجرىبىخانىسى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەجرىبىخانىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تارتىش كۈچىنىڭ تۇراقلىق سانىنى بېكىتكۈچى، سۇنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلىغۇچى ھەم ھىدروگېننى تاپقۇچى ھېنرى كاۋېندىش سالدۇرغان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى سېلىنغاندا، ھېنرى كاۋېندىشنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بولغانىدى. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى ئەنگلىيە گېرتسوگى دېفېنشار كاۋېندىشنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان. بىر فامىلىلىك بۇ گېرتسوگ ھېنرى كاۋېندىشنىڭ تۇغقىنى ئىدى.
كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى 1872 - يىلى سېلىنىشقا باشلىنىپ، ئىككى يىلدا پۈتكەن، ئۇ كېمبىرىج ھۈرىيەت مەكتىپىنىڭ كوچىسىغا سېلىنغان. بۇ فىزىكا تەجرىبىخانىسى مەشھۇر نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى _ ماكسۋېلنىڭ يېتەكچىلىكىدە سېلىنغان، ماكسۋېل بۇ تەجرىبىخانىنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولغان. ئۇ تەجرىبىخانىنىڭ سايمانلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن نۇرغۇن پۇل چىقارغان.
كاۋېندىش تەجرىبىخانىسى نەتىجە يارىتىش بىلەنلا قالماي، ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرگەن. نەتىجە ياراتقان نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرى مۇشۇ يەردە ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى ئۆگەنگەن. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان فىزىكىسى بويىچە شانلىق تۆھپە ياراتقان ۋە نام - ئاتاققا ئېرىشكەن ئۇستازلار ئىدى. كاۋېندىش تەجرىبىخانىسىغا ماكسۋېلدىن كېيىن ھازىرقى زامان ئاكۇستىكا ۋە ئوپتىكا ئىلىملىرىنىڭ ئاساسچىسى رەلېي ئېلېكتروننىڭ كەشپىياتچىسى ج. ج. تومسون (ئۇ 28 يېشىدا مۇدىر بولغان)، ھازىرقى زامان ئاتوم يادروسى فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى رېزېرفورد، ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىنى تەشكىللەش ماھىرى ۋ. ل. براگ. ھازىرقى زامان قاتتىق جىسىم فىزىكىسىنىڭ پېشۋاسى موتلار مۇدىر بولغان. بۇلاردىن ماكسۋېلنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.