تۇنجى خەلقئارا ھاۋا يولى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
فرانسىيە ئۇچقۇچىسى رولاند كاروس 1913 - يىلى نويابردا ئوتتۇرا دېڭىزدىن تۇنجى قېتىم ئۇچۇپ ئۆتۈپ، فرانسىيىدىن ئافرىقىغا ئۇچۇشنى ئورۇنلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر تۈرلۈك سىناقلارنى دادىل ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا ھاۋا يولىنى ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئايروپىلانغا چۈشۈپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇزۇن يولنى بېسىپ ساياھەت قىلالايدىغان بولدى. 1919 - يىلى 8 - فېۋرالدا تۇنجى خەلقئارا ھاۋا يولى ئاخىر بارلىققا كەلدى. بۇ ھاۋا يولى فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئەنگلىيە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە باراتتى. تۇنجى خەلقئارا ھاۋا يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقتىن، ئايروپىلان بارا - بارا كىشىلەرنىڭ دۆلەتلەر ۋە قىتئەلەر ئارا قاتنايدىغان مۇھىم قاتناش قورالى بولۇپ قالدى. ھازىر ھەممەيلەن چوڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا چۈشۈپ، قىتئەلەر ئارا ساياھەت قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. بۇنداق ئايروپىلانلاردا ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرغىلى ھەم ۋاقىتنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئەينى زاماندا ئاددىي ئۈسكىنىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانغا چۈشۈپ دېڭىز - ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ، ئۇزۇن يوللۇق ساياھەت قىىش ھەقىقەتەن مەلۇم جاسارەتنى تەلەپ قىلاتتى.