UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ شىمالدىكى شەھەر، كەنت ۋە پايتەخت

ئەڭ شىمالدىكى شەھەر، كەنت ۋە پايتەخت

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ شىمالدىكى ئاھالىسى 10 مىڭدىن ئاشىدىغان شەھەر - سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىكسون پورتى بولۇپ، ئۇ، شىمالىي كەڭلىك 73 گىرادۇس 32 مىنۇتقا جايلاشقان. نۇرۋىگىيىنىڭ سىۋالباردتا بىر كانچىلار كەنتى بولۇپ، ئۇنى نىئالىسوند دەپ ئاتايدۇ. ئۇ شىمالىي كەڭلىك 78 گىرادۇس 55 مىنۇتقا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ شىمالدىكى بىردىن - بىر كەنت ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كەنتتە قىش پەسلىدىلا ئادەم ئولتۇرۇشقا بولىدۇ. مۇز ئارىلىنىڭ پايتەختى رېيك شىمالىي كەڭلىك 46 گىرادۇس 6 مىنۇتقا جايلاشقان، 1973 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى مۆلچەرگە قارىغاندا، ئاھالىسى 87 مىڭ 950 كىشى بولۇپ، بۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ شىمالدىكى پايتەخت ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ شىمالدىكى دائىم ئادەم ياشاپ كەلگەن جاي، كانادانىڭ ئېللېس مېرى ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىدىكى ئالبېرت بازىسى بولۇپ، ئۇ شىمالىي كەڭلىك 82 گىرادۇس 31 مىنۇتقا جايلاشقان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ