UyghurWiki
UyghurWikiئاڭدېڭىز ئاستىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈر يول تونېلى

دېڭىز ئاستىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈر يول تونېلى

دۇنيادىكى ئەڭلەر تۆمۈر يول تىرانسىپورتىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بىللە، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاستى تونېللىرى كۈن ساناپ كۆپىيىپ باردى. ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇقلۇق تونىلى 1830 - يىلى ئەنگىلىيىدىكى لىۋېرپۇل بىلەن مانچىستېر ئوتتۇرىسىدا پويىز قاتناشقا ئېچىلغان ئىككى تونېل، ئەڭ دەسلەپكى سۇ ئاستى تونېلى ئەنگىلىيىدىكى تايمىس دەرياسىنىڭ ئاستىدىن 1825 - 1843 - يىللىرى قېزىلغان تونېل بولدى. ھازىر ياپۇنىيىدە ئامورى بىلەن خاكودا تېنى تۇتاشتۇرىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ئاستى تۆمۈر يولى «ئامورى خاكودا تې تونېلى» قېزىلىۋاتىدۇ. بۇ تونېل ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە قۇرۇشقا پىلانلىغان ئەنگىلىيە بوغۇزى تونېلىدىنمۇ ئۇزۇن. بۇ تونېل جەنۇبتا ئامورى ناھىيىسىنىڭ شەرقىدىكى تىسوگارۇ ۋىلايىتىنىڭ جىنبېتىڭ دېگەن يېرىدىن باشلىنىپ، تسوگارۇ بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىمالدا خوككايدونىڭ كامىسو ۋىلايىتىدىكى جىنېيتىڭ دېگەن يەرگە يېتىپ بارىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 53.85 كىلومېتىر، دېڭىز ئاستى قىسمى 23.3 كىلومېتىر، خوككايدو تەرىپى 17 كىلومېتىر ، خونشۇ تەرىپى 13.55 كىلومېتىر، ئىچكى دىئامېتىرى9.6 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر قىسمى دڭىز ئاستىدا 100 مېتىردىن تۆۋەن، سۇ يۈزىگە بولغان ئارىلىقى 240 مېتىر كېلىدۇ. ئامورى - خاكوداتى تونېلى بىرخىل غايەت زور قۇۋۋەتكە ئىگە تونېل قېزىش ماشنىسى بىلەن قېزىلغان بولۇپ، دىئامېتىرى تۆت مېتىر كېلىدىغان تۆشۈكنى بىردىنلا قازىدۇ. ئۇ سائىتىگە ئىككى مېتىر تېزلىك بىلەن ئىلگىرلەيدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۈچ تونېل قېزىشقا توغرا كەلگەن، بىرىنچى تونېل باشلامچى تونېل بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تۇپراقنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ تېشىش ئىمكانىيىتى كۆزىتىلىدۇ. ئىككىنچى تونېل مەشغۇلاتى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ماتىريال توشۇلىدۇ. ئۈچىنچى تونېل ئاساسىي تونېلدۇر. باشلامچى تونېل بىلەن مەشغۇلات تونېلىنىڭ ئىچكى دىئامېتىرى ئاساسىي تونېل ئىچكى دىئامېرىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. ئامورى - خاكوداتې دېڭىز ئاستى تۆمۈر يول تونېلى پۈتكەندىن كېيىن، ياپونىيىدىكى خونشو بىلەن خوككايدۇنىڭ ئارىلىقى كۆپلەپ قىسقىرايدۇ. توكيودىن خوككايدونىڭ مەركىزى ساپپۇرغا يۇقۇرى سۈرئەتلىك ئېلېكتىر پويىزغا چۈشۈپ بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ھازىرقى 16 سائەت 50 مىنۇتلۇق ۋاقىتنى بەش سائەت 40 مىنۇتقا قىسقارتقىلى بولىدۇ. بۇغۇزدىن كىچىك كېمىسى بىلەن ئۆتۈش ئۈچۈن ئىلگىرى تۆت سائەت 50 مىنۇت كەتكەن بولسا، ھازىر پويىز بىلەن 13 مىنۇتتىلا ئۆتۈپ بولغىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ تونېل خوككايدونىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشىتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تونېلنىڭ قۇرۇلۇشى ھازىر تېز ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 1982 - يىلى پويىز قاتنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. (ماۋېيبىن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ