UyghurWiki
UyghurWikiئاڭسومما قىممىتى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل

سومما قىممىتى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە سومما قىممىتى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇلنى 1934 - يىلى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت غەزىنىسى تارقاتقان پۇلنىڭ يۈزىگە توماس. ۋوئودروۋ. ۋىلسون زۇڭتۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، ھەر بىرسى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت بانكىسىنىڭ پۇل بېسىش ئورنىدا ئامېرىكا دۆلەت غەزىنىسى تارقاتقان بىر پارچە بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەغەز پۇل ساقلانماقتا. بۇ قەغەز پۇلغا يەنە 14 يىللىق ئۆسۈم پۇل (جەمئىي 15 مىليون 625 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) ھۆججىتى چاپلاپ قويۇلغان بولۇپ، يېرىم يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى 6.25% بولىدىكەن. ئىشلىتىلىۋاتقان پۇللار ئىچىدە سومما قىممىتى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل - ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن زاپىسى ساقلاش فېدىراتىپ بانكىسى تارقاتقان بىر پارچىسى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق قەغەز پۇل بولۇپ، پۇلنىڭ يۈزىگە سالىمون، پورتلاند چاسې (1808 - 1873) نىڭ باش سۈرئىتى چۈشۈرۈلگەن. 1944 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ بۇ خىلدىكى قەغەز پۇل بېسىلمايدىغان بولغان. 1941 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بۇنداق پۇلدىن 4,600 پارچىشى ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە كەلگەندە كېمىيىپ 394 پارچىغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 1969 - يىلى 3 - ئايدا يەنە كۆپىيىپ 1,900 پارچىغا يەتكەن. 1969 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت غەزىنىسى، سومما قىممىتى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان قەغەز پۇللارنى قايتا تارقاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. 1974 - يىلى 6 - ئايدا پەقەت 400 پارچە 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق قەغەز پۇل داۋاملىق ئىشلىتىلىپ كەلگەن. بۇ پۇلنىڭ كۆپ ساندىكىسى تېكساس شتاتىدا روژدسىتوۋ بايرىمىدا ئىشلىتىلىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
سومما قىممىتى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل | UyghurWiki | UyghurWiki