UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كىچىك دۆلەت

ئەڭ كىچىك دۆلەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1929 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سىتاتودىللا، دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ، ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرى ئىچىگە جايلاشقان. يەر مەيدانى پەقەت 44 گىكتارلا كېلىدۇ. ناۋرۇ - ئەڭ كىچىك جۇمھۇرىيەت بولۇپ، يەر مەيدانى 21.3 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئارال دۆلىتى تېنچ ئوكيان ئىكۋاتورىنىڭ جەنۇبىي كەڭلىكىدىكى بىر گىرادۇسقا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ، 1968 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1969 - يىلدىكى ستاتىستىكىدا ئاھالىسى 7 مىڭ كىشى چىققان. تېنچ ئوكياندىكى پىتكارىن ئارىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك مۇستەملىكە بولۇپ، يەر مەيدانى 390 گىكتار، ئاھالىسى 82 كىشى (1972 - يىلدىكى ستاتىستىكا بويىچە). مالتا ئاتلىق ئەسكەرلەر جەمئىيىتى ئۇستازىنىڭ سارىيى رىم شەھىرىدە پرىئۇراتوداچاسى دەپ ئاتىلىدۇ، يەر مەيدانى 1.2 گېكتار كېلىدۇ. بۇ ساراي 1834 - يىلدىن بۇيان مەلۇم دەرىجىدە ئالاھىدە دىپلوماتىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ، چەت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ كەلمەكتە، بەزى كىشىلەر بۇ ساراينى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك دۆلەت دېيىشىدۇ. 1972 - يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جەنۇبىي تېنچ ئوكياندىكى فىجى ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا 640 كىلومېتىر كېلىدىغان شىمالىي مىنېرىۋې ۋە جەنۇبىي مىنېرىۋېدىن ئىبارەت ئىككى مارجان ئارىلى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ كىچىك دۆلەت | UyghurWiki | UyghurWiki