ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇنجى كېچىك كېمىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىدا بىپايان بوشلۇق بار، مۇشۇ بوشلۇقتا سەيلە قىلىش ئاسان ئىشمۇ؟ ھازىرغا قەدەر چوڭ - كىچىك توشۇغۇچى راكىتالارنى پەقەت بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولۇۋاتىدۇ، ئوربىتاغا چىقىرىلغان ئۇچقۇچىلارمۇ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىپ كېلەلەيدۇ. ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى ئالەم قاتنىشى سايمىنىنىڭمۇ، ھاۋا قاتنىشى ئايروپىلاننىڭمۇ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغان بىر خىل زور تىپتىكى توشۇغۇچى قورالدۇر. كىشىلەر ئۇنى كۆپىنچە ئالەم بوشلۇقىدىكى كېچىك كېمىسى دەپ ئاتايدۇ.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئاتموسفېرادا ئۇچۇرۇش سىنىقىنى 1977 - يىلى 12 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن كالىفورنىيىدىكى موخاۋې چۆلىدە تۇنجى قېتىم ئېلىپ باردى. «كارخانا» ناملىق ئالەم ئايروپىلانىنى بويىڭ «747» تىپلىق بىر ئايروپىلان كۆتۈرۈپ 6736 مېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا، بىر گۇرۇپپا پارتلاتقۇچقا ئوت ئالدۇرۇش توغرىسىدا چانھىسقا بۇيرۇق بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالەم ئايروپىلانى ئانا ئايروپىلاندىن ئاجرىلىدۇ. ئاندىن ئۇچقۇچى ئۇنى بىر چوڭ دائىرە بويىچە ئايلاندۇرۇپ ئۇچۇپ، ئېدۋارد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قوندۇرىدۇ.
ئالەم بوشلۇقى كېچىك كېمىسى ناھايىتى زور بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 56 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 24 مېتىر بولۇپ، يەتتە قەۋەتلىك بىناچىلىك كېلىدۇ.
ئالەم بوشلۇقى كېچىك كېمىسىنىڭ پۈتۈن ئۇچۇش جەريانىنى يۇقىرى ئۆرلەش، ئۇربىتادا ئۇچۇش ۋە قايتىش ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلگىلى بولىدۇ. ئوربىتا سايمىنى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن، زاپاس ماتور سۈرئەتنى تورمۇزلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوربىتا سايمىنى يەنە ئوربىتىغا كىرىپ، ئۇچۇش - چۈشۈش يولىنى دەل چەللەپ يەر يۈزىگە قايتىدۇ، رېمونت قىلىش ۋە يېقىلغۇ قاچىلاشقا 190 سائەت كېتىدۇ، ئاندىن ئۇچۇرۇشقا بولىدۇ.
ئالەم بوشلۇقى كېچىك كېمىسى كۆپ خورىماسلىق، قايتا - قايتا ئىشلىتىشكە بولۇش، كۆپ يۈك كۆتۈرۈش، ئەپچېل - جانلىق بولۇش، تېزلىتىش تۆۋەن بولۇش، ئازادە ئولتۇرغىلى بولۇش، ھەرخىل ئىشقا ئىشلەتكىلى بولۇش، يۇقىرى ماھارەت كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئالدىن سىگنال بەرگۈچى سۈنئىي ھەمراھ، چارلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالاقىچى سۈنئىي ھەمراھلارنى قويۇپ بېرىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ؛ كەلگۈسىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇشىدا دۈشمەننىڭ سۈنئىي ھەمراھى ياكى ئالەم كېمىسىنى توسالايدۇ، بۇزالايدۇ ھەتتا ئەسىرگە ئالالايدۇ. زور تىپتىكى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى، ئوربىتىدىكى قۇرۇلما سۇپا ھەتتا مەڭگۈلۈك ئالەم بوشلۇقى شەھىرى سېلىشتا ئېغىر ترانسپورت ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالالايدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يۈك توشۇش ئۆچىرىتى 37 گە يەتكەن. ئۆچىرەت 1984 - يىل ئىيۇنغىچە تىزىملىنىپ بولغان.