UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتۇنجى سۈنئىي ھەمراھ

تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە تۇنجى يەرشارى سۈنئىي ھەمراسى - يەر شارى سۈنئىي ھەمراسى - 1 1957 - يىلى 4 - ئۆكتەبىردە قويۇپ بېرىلدى. ئۇنىڭ گەۋدىسى ئاليومىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان يۇمۇلاق شار بولۇپ، دىئامېتىرى 58 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 83.6 كىلوگىرام كېلىدۇ. شارنىڭ سىرتقى يۈزىگە تۆت تال پۇرژىنىلىق قامچىسىمان ئانتېنا ئورنىتىلغان، ئۇنىڭدىن بىر جۈپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 240 سانتىمېتىر، يەنە بىرجۈپىنىڭ ئېغىرلىقى 290 سانتىمېتىر كېلىدۇ. سۈنئىي ھەمرانىڭ ئىچىگە ئىككى رادىئو تارقىتىش ئاپاراتى ئونىتىلغان - چاستوتىسى 20.005ۋە 40.002 مېگاگېرس. رادىئو تارقىتىش ئاپاراتى تارقىتىلىدىغان سىگنال شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر بىر سىگنالىنىڭ داۋاملىشىدىغان ۋاقتى تەخمىنەن 0.3 سىكۇنت، ئۈزۈلۈش ۋاقىتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇنىڭدىن باشقا بىر ماگىنتو مېررادىئاتسىيىلىك سانىغۇچ ۋە سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئىچىدىكى تېمپىراتۇرا ۋە بېسىمنى ئۆلچەيدىغان ئىندۇكسىيىلىك ئېلىمېنت ھەمدە ئېلېكتىر مەنبەسى قىلىنغان خېمىيىۋى باتارىيە ئورنىتىلغان. بۇ سۈنئي ھەمراھ بېكنۇر قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئۈچ ئۇگىلىك توشۇغۇچى راكىتا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلدى . قويۇپ بېرىلىپ بىرنەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، سۈنئىي ھەمراھ ئۈچىنچى ئۇگىدىكى راكىتادىن ئاجرىلىپ چىقىپ، بىرىنچى ئالەم تېزلىكىگە يېتىپ، يەرشارىنى ئايلىنىپ ئۇچىدىغان ئوربىتىغا كىردى. ئۇنى يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغاندا 964.1 كىلومېتىر، ئەڭ يېقىن بولغاندا 228.5 كىلومېتىر، ئوربىتىنىڭ يەرشارى ئېكۋاتورىنىڭ تەكشى يۈزى بىلەن بولغان ئارا بۇلۇڭى 65 گىرادۇس بولۇپ، ئۇ يەرشارىنى 96.2 مىنۇتتا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئەسلىدە مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتىن بىر مىنۇت 20سېكونت ئېشىپ كەتكەن. كۈز كېچىسىدىكى سۈپ - سۈزۈك ئاسماندا، بەزىدە ئۇ خۇددى يۇلتۇزلار ئارىسىدا ئېقىۋاتقان يۇلتۇزغا ئوخشاش كېتىدۇ. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ توشۇغۇچى راكىتىسى 1957 - يىلى 1 - دېكابىردا قويۇق ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىپ كۆيۈپ كەتتى. بۇ سۈنئىي ھەمراھا ئاسمان بوشلۇقىدا 92 كۈن يۈرۈپ، يەر شارىنى تەخمىنەن 1400 قېتىم ئايلىنىپ، 60 مىليون كىلو مېتىر يول بېسىپ، 1958 - يىلى 4 - يانۋاردا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم باسقان بۇ ئۇلۇغ كۈننى خاتىرلەش ئۈچۈن موسكىۋادىكى لېنىن تېغىغا خاتىرە مۇنارى سالدى. مۇنارنىڭ ئۈستىگە بۇ سۈنئىي ئاسمان جىسىمىنىڭ تەقلىد قىلىنغان نۇسخىسىنى ئورناتتى. (تەن دېتۇڭ، يىڭ شىڭگۇ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
تۇنجى سۈنئىي ھەمراھ | UyghurWiki | UyghurWiki