دۇنيانىڭ نوپۇس مەسىلىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن بۇيان، مىليونلىغان يىللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، 1850 - يىلىغا كەلگەندە دۇنيانىڭ ئاھالىسى بىر مىليارتقا يەتتى. 80 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1930 - يىلىغا كەلگەندە، دۇنيا ئاھالىسى بىر قاتلىنىپ ئىككى مىليارتقا يەتتى. كېيىن ئىككى مىليارتتىن كۆپىيىپ، 1975 - يىلى تۆت مىليارتقا يەتكەنگە قەدەر ئارىدىن پەقەت 45 يىللا ئۆتتى. ئەگەر دۇنيا ئاھالىسىنىڭ يىلىغا ئېشىش نىسبىتى ھازىرقىدەك مىڭدەن 19 بويىچە داۋاملىشىۋەرسە، ئۇ چاغدا مىلادىنىڭ 2000 - يىلىغا بارغاندا، دۇنيا ئاھالىسى ئالتە مىلياردتىن، مىلادىنىڭ 2013 - يىلىغا بارغاندا يەنە بىر ھەسسە كۆپىيىپ، سەككىز مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدۇ. ھېساشلارغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر تۇغۇت چەكلەنمىسە، مۆلچەرلىنىشىچە مىلادى 2600 - يىلىغا بارغاندا، يەر شارىنىڭ ھەر بىر كۋادىرات مېتىرىغا بىر ئادەم توغرا كېلىدىكەن. مىلادى 3700 - يىلىغا بارغاندا يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى يەر شارىنىڭ ئۆز ئېغىرلىقىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.