UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ زور ھاۋا قانتاش شىركىتى

ئەڭ زور ھاۋا قانتاش شىركىتى

دۇنيادىكى ئەڭلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋا قاتناش شىركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور قاتناش شىركىتى بولۇپ (ئەسلى ئاتىلىشى«سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتى ھاۋا قاتناش ئەترىتى» بولۇپ، 1932 - يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن)1923 - يىلى 9 - فېۋرالدا قۇرۇلغان. شۇ يىلى موسكىۋا - تۆۋەن نوۋگورود (گوركى شەھىرى) ئوتتۇرا ئۇزۇنلۇقى 420 كىلومېتىر كېلىدىغان تۇنجى ھاۋا قاتناش يولىنى ئاچقان. سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا قاتناش شىركىتى يولۇچى ۋە ھەرخىل ماللارنى توسۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئىلمىي تەتقىقات، يېزا ئېگىلىك، ئورمان ئاسراش، كان چارلاش، سۈرەتكە ئېلىش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش ۋە مەدىنىي - مائارىپ قاتارلىق ئىشلارغىمۇ ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ شىركەت موسكىۋانى مەركەز قىلغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ھاۋا قاتناش تورىنى قۇرغان بولۇپ، ھازىر 2000 دىن ئارتۇق ھاۋا يولى بار. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ شىركەت توشۇغان يولۇچىلارنىڭ سانى 1960 - يىلى 16مىليون، 1969 - يىلى 68 مىليون كىشىگە يەتكەن. 1974 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ شىركەتنىڭ ھەرخىل تىپىتىكى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ سانى جەمئىي 13000، خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 4000 بولغان، ھاۋا لېنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 696000 كىلومېتىر بولۇپ، 90 مىليون يۇلۇچىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ۋە 67 دۆلەتكە توشۇغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت دۇنيا بويىچە يولۇچىلارنى ئەڭ كۆپ توشۇيدىغان ھاۋا قاتناش شىركىتى بولۇپ قالغان. 1976 - يىلى كەلگەندە، بۇ شىركەت سىبىرنى بېسىپ ئۆتىدىغان توكيو - موسكىۋا - پارىژ، تىنچ ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان موسكىۋا - نيو - يورك - ۋاشىنگىتون، ئاسىيانى بېسىپ ئۆتىدىغان موسكىۋا - باڭگوك قاتارلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك ھاۋا يوللىرىنى ئارقىمۇ - ئارقا ئاچتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان يېڭى ھاۋا يوللىرى قوشۇلغانلىقتىن، يولۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى. بۇ شىركەت يەنە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بەزى ئىلغار ئايروپىلانلارنى قوشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 200 يولۇچى سىغىدىغان، ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 900 كىلومېتىر بولغان ئۇزۇن مۇساپىلىك ئايروپىلانلارمۇ بارب.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ زور ھاۋا قانتاش شىركىتى | UyghurWiki | UyghurWiki