شىمالىي قۇتۇپنى بىرىنچى قېتىم بويسۇندۇرۇش (رەسىملەشكەن خاتىرە)
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىلىق كېزىپ تەكشۈرگۈچى ئالبېرت كوئوك (1865 - 1940) ۋە روبېرت پېرى (1856 - 1920) لارنىڭ شىمالىي قۇتۇپنى بويسۇندۇرۇش جەھەتتىكى ئىش ئىزلىرى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىگەن.
كوئوك بىلەن بىللە كېزىپ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان يەنە ئىككى نەپەر ئىسكىموسمۇ بار ئىدى (ئاخ، پېللاخ ۋە ئېتوكس. خوئوك). ئۇلار ئىككى چانا 26 ئىت بىلەن 1908 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كانادا سىۋارتېۋوگ شەھرىنىڭ شىمالىدىكى 96 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن يولغا چىقىپ، شىمالىي قۇتۇپقا 740 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە بارغان. 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۇلار شىمالىي كەڭلىكتىكى 89 گىرادۇس 31 مىنۇتقا توغرا كېلىدىغان يەرگە يېتىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. ئاندىن، 1908 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىمالىي قۇتۇپقا يېتىپ بارغان.
پېرى بولسا ياردەمچىسى ماشېۋ. ئالېكساندېرخېنسون (1866 - 1955) ۋە 4 نەپەر ئىسكىموس بىلەن كېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار 1909 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 5 تە شىمالىي كەڭلىكتىكى 87 گىرادۇس 44 مىنۇت ئۈستىدىكى بار لېنىت قونالغۇسىدىن ئايرىلىپ، پىيادە 215 كىلومېتىر يول ماڭغاندىن كېيىن، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 10 دا شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن يەرگە ئەڭ ئاخىرقى جىسۇپ قونالغۇسىنى راسلاپ ئورۇنلاشقان. شۇ يەردىن باشلاپ ئۇلار ئېھتىمال يەنە پىيادە 67 كىلومېتىر يول ماڭغاندىن كېيىن، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 16 دە جەنۇبقا قايتقان. پېرى 3 كۈن ئىچىدە 267 كىلومېتىر يول يۈردۇق، - دەپ جاكارلىغان، بۇ گەپكە ئانچە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.