ئەرلەر يېتىپ بارالىغان ئەڭ يۇقىرى ئېگىزلىك
دۇنيادىكى ئەڭلەر
كىشىلەر ئالەم كېمىسى بىلەن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يەر يۈزىدىن 400 مىڭ 231 كىلومېتىر ئېگىزلىككە بارالىغان. بۇ ئامېرىكا ئاپالو 13 - ئالەم كېمىسىدىكىلەر ياراتقان رېكورت. ئۇلار 1970 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى گرېنىۋىچ ۋاقتى بىلەن 1 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە ئاي شارىغا ئەڭ يىراق نۇقتا - ئاسينىتېغا يېتىپ بارغان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى ئارتخولوۋىل (1931 - يىلى تۇغۇلغان). فىرېديرىك خائىسې (1928 - يىلى تۇغۇلغان) ۋە جون سىۋىگېرىت (1933 - يىلى تۇغۇلغان) لاردىن ئىبارەت.