ئەڭ تېز يەر ھەيدەش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1950 - يىلى 15 - دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يەر ھەيدەش مۇسابىقىسىدە 35 مىنۇت 45 سېكۇنتتا بىر گېكتار يەرنى ھەيدەپ بولۇشتەك ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. بۇ ۋاقىت ئىچىدە يەر ھەيدىگۈچى ئۇ باشتىن بۇ باشقا 32 قېتىم ئايلانغان ھەمدە چۆنەك ئارىلىقىنى 228.5 مىللىمېتىردىن قويغان بۇ مۇسابىقىدە ئەنگلىيىلىك مېرۋىن فورد چىمپيون بولغان.