دېڭىزغا تۇتىشىدىغان ئەڭ بېسىق قانال
دۇنيادىكى ئەڭلەر
سۈۋەيش قانىلى مىسىرنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا بولۇپ، ئاسىيا بىلەن ئافرىقىنىڭ چېگرا سىزىقى ئۈستىگە جايلاشقان. ئۇ ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننى ئۇلىغانلىقتىن، ئىنتايىن مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇنغا ۋە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە.
سۈۋەيش قانىلى 1859 - يىلى سۈۋەيش بويۇنىدا قېزىلىشقا باشلىنىپ، 10 يىلدا پۈتكەن، مىسىر خەلقى ئۇنىڭغا قانلىق ئەجرىنى سىڭدۈرگەن. 120 مىڭ ئەمگەكچىنىڭ جەسىتى ئوتتەك قىزىق قۇملۇققا كۆمۈلگەن. بويۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا كىچىك ئاچچىق كۆل، چوڭ ئاچچىق كۆل، تىمساھ كۆلى قاتارلىق قۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن كۆلچەكلەر ۋە ئويمانلىقلار بولۇپ، قانال مۇشۇ كۆلچەك ۋە ئويمانلىلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ ساغۇچ قوڭۇر توپىلىق يەردە پارقىراپ تۇرغان سۈپ - سۈزۈك سۈۋەيش قانىلى گويا بىر يېشىل لېنتىدەك ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ سۈۋەيش قولتۇقى بويىدىكى توفىق پورتىغىچە سوزۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 173 كىلومېتىر كېلىدۇ. قانال يۈزىنىڭ كەڭلىكى 180 - 200 مېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 15 مېتىر بولۇپ، 65 مىڭ توننا يۈك باسقان پاراخۇت ياك 150 مىڭ توننىلىق قۇرۇق پاراخۇتلار قاتنىيالايدۇ. بۇ يەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پەش تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن قىزىل دېڭىزنىڭ دېڭىز يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاش بولغانلىقتىن، بۇ قانالغا پاناما قانىلىغا ئوخشاش سۇ ئورنىنى تەڭشەيدىغان چۈشۈرگە ئورنىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن بۇ قانالدا پاراخۇتلار تاق لېنىيىسى جەنۇب بىلەن شىمالدىن قارىمۇ - قارشى كەلگەن پاراخۇتلارنىڭ ئۆز ئارا يول بېرىشىدىغان ئورنى ھېسابلىنىدۇ. پاراخۇتلارنىڭ قانالدا قاتنىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 14 سائەت، ئەگەر ئارىلىقتا بىر - بىرىگە توغرا كەلسە، تەخمىنەن 18 - 22 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.
سۇۋەيش قانىلى - شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئۇدۇل يولى. مەسىلەن: ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىن پارس قولتۇقىدىن بويىدىكى كۈۋەيتكە بېرىش ئۈچۈن سۈۋەيش قانىلى بىلەن ماڭغاندا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ماڭغانغا قارىغاندا 8880 كېلومېتىر يول قىسقىرايدۇ. بۇ قانال بىلەن ماڭغاندا يول يېقىن بولۇش، ۋاقىتنى تېجەش، كىرا ھەققىنى كېمەيتىش بىلەن بىلەنلا قالماي، بەلكى قۇرۇقلۇق پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئوراپ تۇرغان ئوتتۇرا دېڭىز - قانال - قىزىل دېڭىز ئارىلىقىدا بىر قەدەر بىخەتەر ماڭغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سۈۋەيش قانىلىدىن ئۆتۈۋاتقان كېمىلەر ۋە يۈك توشۇش مىقدارى دۇنيا بويىچە باشقا دېڭىزلارغا تۇتىشىدىغان قاناللاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. 1978 - يىلى بۇ قانالدا قاتىنىغان كېمىلەر 30 مىڭغا، يۈك توشۇش ئىقتىدارى 320 مىليون توننىغا يېتىپ، پاناما قانىلىدىكىنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسىسىگە توغرا كەلدى. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش ھەققى ئالغان دارامىتى 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ پۈرۈن تاشقى پىروۋوت كىرىمىنىڭ تەخمىنەن 70% نى ئىگەللىدى.
خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىنىڭ كۈنسايىن راۋاجلىنىشىغا، بولۇپمۇ كېمىلەرنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سۈۋەيش قانىلى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبلىك قانالنى زور تىپتا كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 1976 - يىلى 2 - ئايدا باشلاندى. پىلان بويىچە يەتتە يىل ئىچىدە قانالنىڭ ئەگرى جايلىرى تۈزۈلىدۇ. يولى كېڭەيتىلىدۇ. قىنى چوڭقۇرلاشتۇرلىدۇ. دولقۇندىن مۇداپىئە كۆرۈش قېشى رىمونت قىلىنىدۇ ياكى ئېگىزلىتىلىدۇ. ئاخرىدا قانال تاق لىنىيىدىن قوش لىنىيىگە ئۆزگەرلىتىپ، 260 مىڭ توننا يۈك باسقان پاراخوت ياكى 400 مىڭ توننىلىق قۇرۇق زور پاراخۇتلار قاتنىيالايدىغان بولىدۇ. ھەمدە قاتناش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىدۇ. (جياڭ چاڭيۈي)