UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتىكىپ ئۆستۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمكى ئۈجمە دەرىخى

تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن ئەڭ قەدىمكى ئۈجمە دەرىخى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئۈجمە دەرىخى تەبىئىي ماسلىشىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان بىرخىل دەرەخ بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىدا ئۆسىدىغان ياۋا ئەنجۈر، شىمالىدا ئۆسىدىغان ئاق شاكال دەرىخى، قارىغاي، ئارچىغا ئوخشاش دەرەخلەردەك تەبىئىي ئۆمرى مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ. لېكىن ھازىر مىڭ يىل ياشىغان قەدىمكى ئۈجمە دەرىخى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مىڭ يىللىق ئۈجمە دەرىخىدىن پەقەت بىر تۈپلا بولۇپ، ھازىر فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۇەنجۇ شەھىرىدە ساقلىنىپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ