UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ تاتلىق ئورگانىك بىرىكمىلەر

ئەڭ تاتلىق ئورگانىك بىرىكمىلەر

دۇنيادىكى ئەڭلەر تاتلىق نەرسىلەر تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر شېكەرنى ئەسكە ئالىدۇ. لېكىن شېكەردىن تاتلىق نەرسىلەر مۇ بار. شېكەر جەۋھىرى شېكەردىن كۆپ تاتلىق. شېكەر جەۋھىرى قانداق تېپىلغان؟ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى لېيمۇسون بىلەن فاربوگ بىر تەجرىبە ئىشلەيدۇ. تەجرىبىدىن كېيىن، فاربوگ تاماق يەۋاتقاندا، قولىدىكى تاماقنىڭ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تاتلىقلىقىنى سېزىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق تاتلىق تەمنىڭ قولدىن كەلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئۇ تەجرىبىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن قولىنى پاكىز يۇيىدۇ. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى ئىنچىلىكلىك بىلەن ئانالىز قىلىپ، تاتلىق تەمنىڭ تەجرىبە مەھسۇلاتى - ئورتو - سولفو - بېنزوي كىسلاتانىڭ ئىمىدىن چىققانلىقىنى بايقايدۇ. شېكەر جەۋھىرى - مۇشۇ بېرىكمىنىڭ ناترىيلىق تۇزى. ساپ شېكەر جەۋھىرى ساپ قۇمۇش شېكىرىدىن 425 ھەسسە تاتلىق. تەركىبىدە كىرىستاللاشقان سۇ بولغان شېكەر جەۋھىرى قۇمۇش شېكىرىدىن 373 ھەسسە تاتلىق. شېكەر جەۋھىرىدە شېكەردەك ئوزۇقلۇق بولمىسىمۇ ۋە كىشىنى كالورىيە بىلەن تەمىن ئېتەلمىسىمۇ، لېكىن شېكەرنى كۆپ يىيەلمەيدىغان شېكەر سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شېكەر جەۋھىرى ناھايىتى ياخشى نەرسە. شۇڭا ئۇزاق ئۆتمەيلا، شېكەرجەۋھىرى تاتلىقلىق سۈپىتىدە سانائەتتە ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كىشىلەر 3 - ئامىن 4 - نورمال پروپىل ئوكسى نىترو بېنزول دېگەن ئورگانىك بىرىكمىنى تاپتى. ئۇ قومۇش شېكىرىدىن 4 - 5 مىڭ ھەسسە تاتلىق. بىر نەچچە 10 يىلدىن بۇيان كىشىلەر ئۇنى ئەڭ تاتلىق ماددا دەپ ھېسابلاپ كەلمەكتە. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭدىنمۇ تاتلىق بولغان a - سوكسامىدپىرو پاندىيويىك كىسلاتا مېتىل فىنسان ئىستىر دېگەن ماددا بىرىكتۈرۈلدى. ئۇ قومۇش شېكىرىدىن نەچچە ئون مىڭ ھەسسە تاتلىق! ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ تاتلىق نەرسىلەر تېپىلىشى مۇمكىن، لېكىن ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تاتلىقلىق يەنىلا شېكەر جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ياۋ زىپىڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ تاتلىق ئورگانىك بىرىكمىلەر | UyghurWiki | UyghurWiki