تىك ئۇچارلار بويىچە ئەڭ
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىلىق سىكوسكى 1939 - يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ياسىدى. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈش كۈچى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، پىرقىرايدىغان چوڭ قانات ئورنىتىلغان؛ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، قۇيرۇقىغا قۇيرۇق پالىقى ئورنىتىلغان. بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەمەلىي ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سىرتقى شەكلىنى ھازىرقى ئايروپىلان لايىھىلىگۈچىلەر قوللىنىپ كەلمەكتە.
تىك ئۇچار ئايروپىلان تىك كۆتۈرۈلۈپ، تىك چۈشەلىگەچكە، ھەرقانداق بىر تۈزلەڭ يەردە كۆتۈرۈلىيەلەيدۇ ۋە يەرگە قونالايدۇ، ھەم ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، ھەم ھاۋادا توختىيالايدۇ، ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك، شۇڭا ئۇ ھەربىي ئىشلاردا ۋە ترانسپورت ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئىنتايىن تېز بولماقتا.
ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ئۇچىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ 67 - S «قارا قارچۇغا» نالىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى بولۇپ، ئۇچقۇچى كوگېرت كانتون 1970 - يىلى 14 - دېكابردا ئۇنى سائىتىگە 355.49 كىلومېتىر ئۇچۇرۇپ دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.
ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان فرانسىيىنىڭ SA315B «ئامېرىكا تۆگىسى» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى بولۇپ، ئۇچقۇچى گىن باۋلىت 1970 - يىلى ئۇنى 12442 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇرۇپ دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.
ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ يىراققا ئۇچىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ «6 - OH» بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانى بولۇپ، ئۇچقۇچى ر.گ. فېررو 1966 - يىلى 6 -، 7 - ئاپرېلدا ئۇنى تۈز سىزىقلىق يولدا 3561.55 كىلومېتىر ئۇچۇرۇپ، دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.
ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «12 - M» بەلگىلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانى بولۇپ «پوچتا كەپتىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ كۆتۈرۈلۈش ئېغىرلىقى 105 توننا، يۈك بۆلۈمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 28 مېتىر، ئېگىزلىكى ۋە كەڭلىكى 4.4 مېتىردىن بولۇپ، 40 توننا يۈك كۆتۈرۈلەيدۇ، ئۇ ئوتتۇرا تىپتىكى تانكا، زەمبىرەك ۋە تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەرنى توشۇيالايدۇ.
ئەڭ كىچىك تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاۋىئاتسىيە ھەۋەسكارلىرى ياسىغان بىر كىشلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردۇر. دانىيىلىك سېلېمىت 35 ئات كۈچىگە ئىگە پورژىنىلىق ماتور بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان، دېئامېتىرى 4.5 مېتىر كېلىدىغان پىرقىرايدىغان قانات ۋە بىر قۇيرۇق پالاقنى بىر ئورۇندۇقلۇق ئۈچ بۇرجەك جازىغا بېكىتىپ بىر كىشلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان ياسىغان، ئۇنىڭغا «8 .W.S» دەپ بەلگە قويغان. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 52 كىلوگرام بولۇپ، خۇددى ئۈچ پۇتلۇق يىڭناغۇچقا ئوخشايدۇ، ناھايىتى يېنىك ۋە ئەپچىل.