باھاسى ئەڭ قىممەت قوي ۋە قوي يۇڭى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
بىر تۇياق مېرىنوس نەسىللىك قوشقىرىنىڭ باھاسى 167 مىڭ فرانك بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە باھاسى ئەڭ قىممەت قوي بولغان. 1970 - يىلى 9 - ئايدا ئاۋسترالىيىلىك ئادېلايدى، جون كوللىنىس ئاتا - بالا شىركىتى بۇ قوينى ل.ۋ.گارې ئاتا - بالا شىركىتىگە سېتىپ بەرگەن.
1972 - يىلى ئاۋسترالىيە تاسمانىيىنىڭ بازىرىدا ھۆددىگە ئېلىنغان مېرىنوس ئەلا سۈپەتلىك نەسىللىك قوي يۇڭىنىڭ كىلوسى 290 فرانك بولغان، ئون نەچچە يىل بۇرۇن بىر تۇياق شەرقىي مىرىنوس نەسىللىك قوينىڭ باھاسى 7000 فرانك بولغان ئىدى.