UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپ سۇلياۋدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم

ئەڭ دەسلەپ سۇلياۋدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم

دۇنيادىكى ئەڭلەر سېللۇلوئىد سېللۇلوزانىتراتلىق سۇلياۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلگەن سۇلياۋ ئەنە شۇ. خوش، بۇ ئەڭ دەسلەپكى سۇلياۋ قانداق كەشىپ قىلىنغان؟ بىليارت بۇرۇن پىل چىشىدىن ياسىلاتتى، بىراق پىل چىشىنى پەقەت چوڭ پىللاردىنلا ئېلىشقا توغرا كېلەتتى. ئامېرىكىدا بىر زاۋۇت ئىگىسى 1860 - يىلى پىل چىشى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسىنى كەشىپ قىلغۇچىغا 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشقا بەس - بەس بىلەن كىرىشكەن. بۇلاردىن ئامېرىكىلىق جون ۋېسلېي ھېيترىي بىليارت ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان سەپلىمە ماتېرىيال ئۈستىدە كېچە - كۈندۈزلەپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ھېيترىي بىر كۈنى پىروكسىلىن نى ئازراق كامفورا ۋە ئېتانول بىلەن قوشقاندا، بۇ بىرىكمىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈۈشى پىل چىشىغا ناھايىتى ئوخشاپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسسىقتا يۇمشايدىغان، سوغۇقتا قاتىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى بايقاپ ھەيران قالىدۇ. ھېيترىي بۇ خىل بىرىكمىنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ، 1869 - يىلى ئەرزان باھالىق بىليارتنى ياساپ، ھېلىقى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا سۇلياۋنىڭ يېڭى - يېڭى تۈرلىرى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ دەسلەپكى سۇلياۋ - سېللۇلوئىد ئۆز ئورنىنى يەنىلا يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. سېللۇلوئىدنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئالساق، ئۇ يېنىك بولۇپ، ئېلاستىكىلىقى بەكمۇ ياخشى، تىك - تاك توپ ياساشتا كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. باشقا سۇلياۋلار بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە داڭقى چىققان «خۇڭشۇاڭشى» ماركىلىق تىك تاك توپى ئۆزىمىزدە ئىشلەنگەن ئەنە شۇ سېللۇلوئىددىن ياسالغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ دەسلەپ سۇلياۋدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم | UyghurWiki | UyghurWiki