ئەرز قىلغۇچى تەلەپ قىلغان ئەڭ كۆپ تۆلەم ھەققى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1971 - يىلى 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ۋالتون بادېر دېگەن كىشى، نيو - يورك سوت مەھكىمىسىگە ئۇنىۋېرسال ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن باشقا ئاپتوموبىل ياساش سىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى 50 شتاتتا ئېغىر بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇلارنىڭ 675 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ پۇل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 3,000 يىللىق كىرىمىگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ئەرز قىلغۇچىنىڭ تەلەپنى نەقەدەر يۇقىرى قويغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.