UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ مەسچىت

ئەڭ چوڭ مەسچىت

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت - ئىراقنىڭ ساماررادىكى ئەڭ مالاۋىيا مەسچىتى بولۇپ، بۇ مەسچىتنىڭ ھازىر پەقەت خارابىسىلا قالغان. بۇ مەسچىت مىلادى 842 - 852 - يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى 37 مىڭ 128 كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ (ئۇزۇنلۇقى 238 مېىت، كەڭلىكى 156 مېتىر). ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسچىت ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھرىدىكى جامە مەسچىتى بولۇپ، (1644 - 1658 - يىللىرى سېلىنغان) بۇ مەسچىتنىڭ كۆلىمى 930 كۋادىرات مېتىردىن ئارتوق بولۇپ، ئېگىزلىكى 33 مېتىر كېلىدىغان ئىككى ئىسلام مەسچىتى پەشتىقى بار. ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدىكى مېردېكا مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى 1962 - يىلى باشلانغان بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت بولۇپ قالىدۇ. بۇ مەسچىتنىڭ يۇمۇلاق ئۆگزىسىنىڭ دىئامېتىرى 45 مېتىر بولۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سىغىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ چوڭ مەسچىت | UyghurWiki | UyghurWiki