UyghurWiki
UyghurWikiئاڭكېمە ياسايدىغان ئەڭ چوڭ زاۋۇت

كېمە ياسايدىغان ئەڭ چوڭ زاۋۇت

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1976 - يىلى دۇنيا بويىچە سۇغا چۈشۈرۈلگەن كېمىلەر (يەلكەنلىك كېمە، چاتما كېمە ۋە 100 توننىلىقتىن تۆۋەن كېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نىڭ تونناژى 33مىليون 922 مىڭ 193 توننىغا يەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇمىنىيە ۋە جۇڭگو بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. ياپونىيىدە ياسالغان كېمىلەرنىڭ ئومۇمىي تونناژى 15 مىليون 867 مىڭ 828 توننا بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇمىي تونناژىنىڭ 46.7% نى ئىگەللەيدۇ. 1976 - يىلى دۇنيا بويىچە كېمە ياسايدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت - ياپونىيىنىڭ شىچۇنداۋ ئارىلىدىكى خالما شىركىتى بولۇپ، ئۇ بىر يىلدا 47 دانە يۈك پاراخۇتى ياسىغان (جەمئىي 3 مىليون 350 مىڭ 400 توننا).
← بارلىق تېمىلار ئاڭ