ئەڭ بالدۇرقى تانكا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەنگلىيىنىڭ ۋىللىيام فوستېر شىركىتى ياسىغان موچېر. يەنە بىر ئىسمى <چوڭ ھەيۋە> دەپ ئاتالغان تانكا. دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇرقى تانكا بولۇپ، 1916 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سىناق قىلىپ ئىشلىتىلگەن. 1916 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بۇ خىل تانكا تۇنجى قېتىم ئەنگلىيە توپچىلار قىسمىغا كىرگۈزۈلۈپ (ھەربىي لاۋازىمەت روتىسىغا)، فرانسىيىنىڭ فېلېرس ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرۇلغان. ئۇ ۋاقىتتا <مارك Ⅰ> دەپ ئاتالغان. يەنە بىر خىل تانكا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىككى زەمبىرەك ۋە تۆت پىلىمۇت ئورنىتىلغان، ئېغىرلىقى 28.4 توننا كېلىدۇ. ئۇ، 105 ئات كۈچىگە ئىگە بىر موتور بىلەن ھەرىكەتلىنىپ، سائىتىگە 6 - 8 كىلومېتىر يول باسىدۇ.