ئەڭ قاتتىق قامال قىلىنىدىغان تۈرمە
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى سان - فرانسىسكو قولتۇقىدىكى بىر ئارالدا ئالكاتراز دېگەن تۈرمە بولۇپ، ئۇ دۇنيا بويىچە كۈزىتىشى ئەڭ قاتتىق تۈرمە ھېسابلىنىدۇ. 1934 - يىلى بۇ تۈرمە ئامېرىكا فېدېراتىپ تۈرمىسى قىلىنغاندىن كېيىن، بىرمۇ مەھبۇس قېچىپ كېتەلمىگەن. 23 نەپەر مەھبۇس قاچماقچى بولغاندا، 12 سى تۇتۇۋېلىنغان، 5 ئېتىپ تاشلانغان، بىرسى سۇدا غەرق بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە، قالغان 5 سىمۇ سۇدا غەرق بولغان بولۇشى مۇمكىن. 1962 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بۇ تۈرمە رەسمىي تاقىلىشتىن 3 ئاي بۇرۇن بىر نەپەر مەھبۇس قېچىپ چىققان بولسىمۇ ئۇ قۇرۇقلۇققا چىققان ھامان يەنە قولغا ئېلىنغان.