UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئاز تۇغىدىغان يىلانلار

ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئاز تۇغىدىغان يىلانلار

دۇنيادىكى ئەڭلەر يىلانلار مېزوزوي ئېراسىنىڭ ئۆمىلىگۈچىلەر دەۋرى ئاساسەن ئاياغلىشاي دەپ قالغان، كاينازوي ئېراسى باشلانغان دەۋرنىڭ سۈت ئەمگۈزگۈچىلەر تازا ئاۋۇغان ۋاقتىدا تەرەققىي تاپقان ئۆمىلىگۈچىلەردۇر. يىلانلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك بولۇپ، ئادەتتە تۇخۇم تۇغىدىغان يىلانلار يىلىغا 15 - 20 تۇخۇم تۇغىدۇ. جۇغى ئەڭ كىچىك بولغان قارىغۇ يىلان ئەڭ ئاز تۇخۇم تۇغىدىغان يىلان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھەر قېتىمدا ئىككىدىن تۇخۇم تۇغىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك يىلانلار، مەسىلەن، ئۇمۇرتقىلىق يىلانلار، چىرايلىق گۈللۈك كۆچمەن يىلانلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارمۇ ئىككىچە تۇخۇم تۇغىدۇ. گەۋدىسى ئەڭ زور بولغان بوغما يىلانلار ئەڭ كۆپ تۇخۇم تۇغىدىغان يىلانلار بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى رېكورتى 100 دىن ئاشىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان يۇمىلاق داغلىق قارا يىلان دەپ ئاتىلىدىغان نەي چىشلىق قارا يىلان ئەڭ كۆپ بالا تۇغۇش رېكورتىنى ياراتقان، ئۇ ئەڭ كۆپ تۇغقاندا، بىر قېتىمدا 63 بالا تۇغىدۇ. قارا يىلان ۋە ئوتلاق يىلىنى ئەڭ ئاز بولغاندا بىرنى تۇغىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئاز تۇغىدىغان يىلانلار | UyghurWiki | UyghurWiki