ئەڭ زور دېڭىز ئارمىيىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور ئارمىيە بولۇپ، 1977 - يىلى ئۇنىڭ 539 مىڭ 650 ئادىمى ۋە 196 مىڭ كىشىدىن تەركىپ تاپقان قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئارمىيىسى بار ئىدى. 1977 - يىلدىكى ئەمەلىي كۈچى: 13 ئاۋىئاماتكا، 41 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنىتىلغان ئىستراتىگىيىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى، 64 يادرو كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتى، سەنەركە كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان توققۇز سۇ ئاستى پاراخوتى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرەلەيدىغان 71 ھەربىي پاراخوتى (26 ئوكياندا چارلاش ئېلىپ بارىدىغان پاراخوت - 39 قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە 6 تېز سۈرئەتلىك قوغدىغۇچى پاراخوت) قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا ئىشلىتىدىغان 60 ھەربىي ماشىنىسى بار ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 390 سۇ ئاستى پاراخوتى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يادرو كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان 125 سۇ ئاستى پاراخوتى، باشقۇرۇلىدىغان يادرو بومبا ئېلىپ يۈرەلەيدىغان 55 سۇ ئاستى پاراخوتى بار. سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيىسى 2600 پاراخوتقا ئىگە