ئەڭ چوڭ مىدۇزا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
مىدۇزا تۆۋەن دەرىجىلىك ئۈچەي قورساقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. مىدوزىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نەچچە مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ شەكلى غەلىتە، بەزىلىرى تەڭگىگە ئوخشاش بولۇپ، تەڭگىسىمان مىدۇزا دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلىرى راھىبلارنىڭ كۇلاسىغا ئوخشاش بولۇپ، كۇلاسىمان مىدۇزا دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى كېمىنىڭ يەلكىنىگە ئوخشاش بولۇپ، يەلكەنسىمان مىدۇزا دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلىرى ئېچىلغان كۈنلۈككە ئوخشاش بولۇپ، كۈنلۈكسىمان مىدۇزا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شەكلى ھەقىقەتەنمۇ ھەرخىل، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مىدۇزىلار ئارىسىدا شەپەق رەڭلىك مىدۇزىنىڭ گەۋدىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، كۈنلۈكسىمان گەۋدىسىنىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە 1.5 - 2 مېتىر، ئەتراپىدىكى سېزىش قولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 20 - 30 مېتىر كېلىدۇ. 1865 - يىلى بىر شەپەق رەڭلىك مىدۇزىنى دېڭىز دولقۇنى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتىس شىتاتىنىڭ دېڭىز بويىغا چىقىرىۋەتكەن، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان مىدۇزا بولۇپ، كۈنلۈكسىمان گەۋدىسىنىڭ دىئامېتىرى 2.4 مېتىر، سېزىش قولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36 مېتىر كەلگەن. بۇنداق چوڭ مىدۇزىنى ئەمىلىيەتتە، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن جانۋار دېيىشكە بولىدۇ.
شەپەق رەڭلىك مىدوزىنىڭ كۈنلۈكسىمان گەۋدىسى گۈللۈك بولۇپ، قىزغۇچ ياكى قىزىل ئارىلاش كۆكۈش كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئازراق كۆكۈش نۇر چېچىلىپ تۇرىدۇ. مىدۇزا قوزغالغان ۋە ئەتراپقا سېزىم قوللىرىنى سوزغان چاغدا ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
شەپەق رەڭلىك مىدۇزىنىڭ سېزىم قۇللىرىدا، باشقا مىدۇزىلارنىڭكىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تىكەنلىك ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا تىكەن ۋە تىكەنلىك قىللار يوشۇرۇنغان. بۇلار ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق ئوۋلاش ۋە دۈشمەندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرالى ھېسابلىنىدۇ. مىدۇزا دۈشمەنگە ۋە ئوزۇقلۇققا يولۇقاندا ، ئەنە شۇ قۇرالنى ئىشلىتىدۇ - دە، تىكەنلىك قىللىرىنى چىقىرىپ، دۈشمەننى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى قوغدايدۇ ياكى ئوزۇقلۇقنى ئوۋلايدۇ. شۇنىسى قىزىقكى، بەزى كىچىك بېلىقلاردا مىدۇزىنىڭ تىكەنلىك ھۈجەيرىسىگە نىسبەتەن سېزىم بولمايدۇ. بوران توختاپ، دولقۇن پەسەيگەن چاغدا، نۇرغۇنلىغان كىچىك بېلىقلار مىدۇزىنىڭ ئەتراپىدا ئوزۇقلۇق ئىزدەپ ئۈزۈپ يۈرىدۇ. ئۇلار چوڭ بېلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا مىدۇزىنىڭ كۈنلۈكسىمان گەۋدىسى ئاستىغا كىرىۋېلىپ قوغدىنىدۇ. مىدۇزا كىچىك بېلىقلارنىڭ قوغدىنىش كۈنلۈكى پانا جايى بولۇپ قالىدۇ. مىدۇزا كىچىك بېلىقلارنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ قالىدۇ. كىچىك بېلىقلار بولسا مىدۇزىنىڭ گەۋدىسىگە يېپىشىلۋالغان مىكرو ئورگانىزىملارنى يوقىتىپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ھەرئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولغان بىر خىل ئالاھىدە بىللە تۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.
بارلىق مىدۇزىلارنىڭ تېنى يۇمشاق ۋە سۈزۈك بولۇپ، تەركىبىدە كۆپلەپ سۇ بولىدۇ. (سۇ 98% نى تەشكىل قىلىدۇ) مىدۇزىنىڭ بىر سۇڭ قېلىنلىقتىكى كۈنلۈكسىمان گەۋدىسى قۇرۇسا، تېپىزلىكى قەغەزچىلىكمۇ قالمايدۇ. مىدۇزىنىڭ بەدىنىدە سۇ تەركىبىنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇنىڭ ئېكولوگىيىسىگە ماسلاشقان. چۈنكى ئۇ دائىم سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدۇ. ئاز سانلىق مىدۇزىلارنىڭ تاتلىق سۇلاردا ياشايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مىدۇزىلار دېڭىز - ئوكيانلاردا لەيلەپ ياشايدۇ. شەپەق رەڭلىك مىدۇزا شىمالدىكى دېڭىز - ئوكيانلارغا تارقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە يالغۇز ياشايدىغانلىرىمۇ، توپلىشىپ ياشايدىغانلىرىمۇ بار. (چېڭ چۈنفۇ)