UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ پاكىز شەھەر

ئەڭ پاكىز شەھەر

دۇنيادىكى ئەڭلەر بۈگۈنكى دۇنيادا، شەھەرلەر كۆپىنچە بۇلغىنىپ تۇرىدۇ. تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى شەھەرنى تاشلاپ، شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى ياكى يېزا - كەنتلەردىكى ساپ ھاۋالىق جايلارغا بېرىۋالىدۇ. ئۇنداق بولسا، دۇنيادا ساپ ھاۋالىق شەھەر بارمۇ؟ بار، ئىسلاندىيىنىڭ پايتەختى رېيكياۋىك بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ يېنىك شەھەې ھېسابلىنىدۇ. قاتتىق سوغۇق بولىدىغان بۇ ئەلدە سوغۇقتىن ساقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن، باشقا جايلارغا قارىغاندا خېلى كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىنىدۇ، ئەمما رېيكياۋىكلار كۆمۈر ۋە نېفىتنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدۇ، پۈتۈن شەھەردە بىرمۇ تۇرخۇن كۆرۈنمەيدۇ، ئىسلاندىيىلىكلەر رېيكياۋىكنى «ئىسسىز شەھەر» دەپ پەخىرلىنىدۇ. بۇ شەھەر دۇنيا بويىچە ئەڭ پاكىز شەھەر دېگەن نامىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلمەكتە. ئىسلاندىيىلىكلەر نېمە بىلەن ئىسسىنىدۇ ۋە پارنىكلارنى نېمە بىلەن ئىسسىتىدۇ؟ ئۇلار يەرنىڭ تەبىئىي ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىدۇ. يەر ئىسسىقلىقىنىڭ زاپاس مىقدارى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ، كۆلىمى ئاران 100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئارال مەملىكىتىدە ئارشاڭ ۋە ئىسسىق سۇ فونتانلىرى مىڭدىن ئاشىدۇ. رېيكياۋىك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بىر كىچىك ئارشاڭ شەھەرچىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى قاتار - قاتار كەتكەن پارنىكلاردا پايتەخت خەلقى ياخشى كۆرىدىغان ھەرخىل كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. رېيكياۋىك شەھىرىدە مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدىلا «تەبىئىي ئىسستىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شەھەر ئاھالىسى يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتر ئىستانسسىسىنىڭ توكىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ئىشلىتىدىغان ئىسسىق سۇ ئارشاڭلاردىن ۋە ئىسسىق سۇ فونتانلىرىدىن تۇرۇبا ئارقىلىق كېلىدۇ. بۇنداق ئىسسىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 90 دىن يۇقىرى بولۇپ، چاي دەملەش ۋە كوفى تەييارلاشقا بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ