UyghurWiki
UyghurWikiئاڭبازىرى ئەڭ ئىتتىك ئۇسسۇلۇق

بازىرى ئەڭ ئىتتىك ئۇسسۇلۇق

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنياغا داڭقى كەتكەن كوكا - كولانى دوكتۇر بىنبودىن 1886 - يىلى كەشىپ قىلغان. ئۇ چاغدا، دورىگەر بىنبودىن جورجىيە شىتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە بىر دورىخانا ئاچقان بولۇپ، مەخسۇس باش ئاغرىقىنى داۋالايدىغان بىر خىل سۇيۇق دورىنى تەييارلاپ ساتاتتى. بىر كۈنى دورىخانىنىڭ بىر خىزمەتچىسى تازىلانغان سۇ تۈگەپ قالغانلىقتىن، يەنەر بىر خىل سۇيۇقلۇقنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بىر ئاز شېكەر قىيامىنى قوشۇپ خېرىدارغا سېتىپ بېرىدۇ. بۇ ئىشتىن كۈتۈلمىگەن ھالدا ئۇسسۇلۇق - كوكا كولا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى بىر خىل ئۇسسۇلۇق سۈپىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرلىدۇ ۋە سېتىلدۇ. 1893 - يىلى كوكا - كولا شىركىتى رەسمىي قۇرۇلىدۇ. لېكىن دوكتۇر بىنبودىن تىجارىتنى يولغا قويالماي، بىر يىل ئىچىدە ئاران 50 ئامېرىكا دوللىرى سودا قىلىدۇ. ئەمما ئېلان ئۈچۈن 46 ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت قىلىدۇ. ئاخىر ئۇ دورىخانىنى يىغىشتۇرۇپ، كوكا - كولانىڭ سودا ماركىسىنى، ئۇنى ئىشلەش ۋە سېتىش ھوقۇقىنى كولېر دېگەن باشقا بىر دورىگەرگە 2300 ئامېرىكا دوللىرىغا ساتىدۇ. كولېر بۇ ئىشنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، كوكا - كولانىڭ دورا ئەمەس، بەلكى 100% مۇزدەك ئۇسسۇلۇق ئىكەنلىكنى ئۇنى ئانىلار ۋە بالىلارمۇ خاتىرجەم ئىچسە ئىسسىقنى قايتۇرىدىغانلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇ يەنە «يول ئۈستىدە سېتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كوكا - كولانىڭ تەسىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كېڭەيتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمدە كۆنيەك ، ۋىسكى، دۇسۇڭزى قاتارلىق كۈچلۈك ھاراقلار كەڭ تارقالغان ئىدى. كۆپچىلىك تەسىر قوزغىمايدىغان بىرخىل ئۇسسۇزلۇقنى ئارزۇ قىلاتتى. كوكا - كولانىڭ ۋاقتىدا دۇنياغا كەلگەنلىكى دەل مۇشۇ ئېھتىياجغا ماسلىشىدۇ. شۇڭا ئۇ ناھايىتى تېزلا كەڭ تارقىلىدۇ. كوكا - كولا 1900 - يىلى قەلقئارا بازارغا كىرىشكە باشلىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كوكا - كولا قورال - ياراق ۋە ئوق - دورا بىلەن بىللە ھەربىي لازىمەتلىك سۈپىتىدە جەڭ مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن روھلاندۇرغۇچ بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ بازىرى چىقىپ، بەش مىليارد بوتۇلكىلىق يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن، كوكا - كولا بىردىنلا «تېنچلىق ئەلچىسى» گە ئۆزگەردى. ئۇرۇش ۋاقتىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان چەتئەللەردىكى 64 زاۋۇتنىڭ ئورنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا خەلقئارا تەرەققىيات بۆلۈمى تەسىس قىلىنىپ، چەتكە ئېلىپ چىقىپ ساتىدىغان مۇكەممەل تور قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن كوكا - كولا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز تارقالدى. 1974 - يىلنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا بويىچە 130 نەچچە مەملىكەتكە چىقىرىلىپ، كۈنىگە 165 مىليون بوتولكا سېتىلىدىغان بولدى. 1976 - يىلنىڭ ئاخىرىدا، كۈنىگە 185 مىليون بوتۇلكا سېتىلىپ، بازىرى ئەڭ ئىتتىك بولغان خەلقئارالىق ئۇسسۇزلۇققا ئايلاندى.(خۇشيۇچىن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
بازىرى ئەڭ ئىتتىك ئۇسسۇلۇق | UyghurWiki | UyghurWiki