ئەڭ ئۇزۇن داستان
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن داستان مەملىكىتىمىزدىكى زاڭزۇلارنىڭ «گېسىر » داستانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ داستاننىڭ نەسرى قىسمىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، پەقەت داستان قىسمىلا بىر يېرىم مىليون مىسراغا يېتىدۇ. بۇنداق پەۋقۇلئاددە چوڭ ھەجىملىك داستاننى دۇنيا بويىچە تەڭداشسىز داستان دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا قەھرىمانلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلى بىلەن مەدھىيلەنگەن. بۇ داستان مىلادى 11 - ئەسىردىن تارتىپ يېزىلىشقا باشلىنىپ، داۋاملىق تولۇقلىنىپ بارغان. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول ۋە خىلمۇ - خىل . داستاندا پادىشاھ گېسىر باشچىقىلىغىدىكى بىر توپ قەھرىمانلارنىڭ مۇدھىش كۈچلەرگە قارشى خەلق بىلەن بىرلىكتە باتۇرلۇق ۋە پەم - پاراسەت بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. بۇ ئۇزۇن - قىسقا مىسرالىق بېيىت - تەرمىلەر تىلىنىڭ ئىنتايىن جانلىق، ئاددىي - ساددا بولۇشى بىلەن كەڭ خەلقنى بەكمۇ قىزىقتۇرىدۇ. بۇ داستان موڭغۇل ۋە تۇزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغىمۇ خېلى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا مەخسۇس مۇشۇ داستاننى ئوقۇيدىغان سەنئەتكارلار كۆچۈرۈۋالغان ھەرخىل جىلىقتلىق قوليازمىلار بار. مەملىكىتىمىزدە ئۇنىڭ خەنزۇ ۋە موڭغۇل تىللىرىدا تەرجىمە نۇسخلىرى بار؛ چەتئەللەردە بولسا رۇسچە، نېمىسچە، فرانسۇسچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بار.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىشىلەر ھىندى شائىرى ۋياسا يازغان 400 مىڭ مىسرالىق «ماخابخاراتا» داستانىنى مىلادىدىن ئىلگىرى 400 يىلدىن 150 - يىلىغىچە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ داستان دەپ قاراپ كەلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگىلىيىدىكى لىۋېرپوللىق فېچىت 40 يىللىق ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ 129 مىڭ 807 مىسرالىق داستان يېزىپ، ئەنگىلىيە پادىشاھى ئافلېتىسنىڭ ھاياتىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرىنى مەدھىيلىگەن. كېيىن تەھرى لىسكې ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ 2585 مىسرا قوشۇپ ھېكايىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ ئۇزۇن ئەسەر ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان ئەڭ چوڭ داستان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ( لى مىنجۈن)