ئەڭ چوڭ ئۆت تېشى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئۆت تېشى _ ئۆت خالتىسىدا پەيدا بولىدىغان تاش. ئۆت تېشىنىڭ پەيدا بولۇشىدا، بىرى، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالتىسىدا ياكى ئۆت يولىدا يىغىلىپ قويۇقلاشقاندا تەركىبى ئۆزگىرىدۇ. ئاخىرىدا تىنىپ تاشقا ئايلىنىدۇ. يەنە بىرى، ئۆت ياللۇغلانغان، نېكرۇزلانغاندىن كېيىن ئاجرالغان شىللىق پەردە ۋە باكتېرىيە قاتارلىقلار توپلىنىپ يادرو ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خولېستېرىن قۇيۇلغان ئۆت سۇيۇقلۇقى تىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاش ھاسىل بولىدۇ.
ئۆت تېشىنىڭ بەزىلىرى يۇمىلاق ئېللىپىس شەكلىدە بولىدۇ. بەزىلىرى كۆپ بۇرجەكلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ سانى كۆپمۇ، ئازمۇ بولىدۇ، چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 1925 - يىلى دېكابردا لوندون شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ھانفرىي ئايرىس بىر موماينىڭ ئۆتىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ زور ئۆت تېشى ئالغان. بۇ تاشنىڭ ئېغىرلىقى 12.58 جىڭ كەلگەن. ئۆتىدە تاش بار بىمارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆتىدە تاش بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ قورسىقى دائىم ئېغىرلىشىدۇ. ياكى قاتتىق ئاغرىيدۇ، بەزىدە چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ. بۇ موماينىڭ ئۆتىدىكى مۇنچىۋالا زور تاشنىڭ ئۇنى قانچىلىك ئازابلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. شۇڭا ئۆتىدە تاش پەيدا بولغان كىشىلەر ۋاقتىدا ئاكتىپ داۋالىنىشى كېرەك.