ئەڭ جەنۇپتىكى كەنت، پايتەخت، شەھەر
دۇنيادىكى ئەڭلەر
چىلىنىڭ ئوتلۇق يېرىدىكى ناۋارىنۇ ئارىلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان ۋىللىئامىس پورتى، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ شىمال تەرىپىگە تەخمىنەن 1090 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ، يەر شارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بىر كەنت بولۇپ، تەخمىنەن 350 ئاھالىسى بار.
يېڭى زېلاندىيىنىڭ ۋېللىنتون شەھىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ جەنۇپتىكى پايتەخت بولۇپ، ئۇ، جەنۇبىي كەڭلىك 41 گىرادۇس 17 مىنۇتقا جايلاشقان.
جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ فولكلېند تاقىم ئاراللىرىدىكى سىتېنلى پورتى جەنۇبىي قۇتۇپقا ئەڭ يېقىن بولغان مەمۇرىي مەركەز بولۇپ، جەنۇبىي كەڭلىك 51 گىرادۇس 43 مىنۇتقا جايلاشقان.