UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى ئەك كۆپ دۆلەت

ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى ئەك كۆپ دۆلەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1918 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىدا قۇرۇلغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئەزەلدىن رەسمىي ئېلان قىلىنىپ باققان ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، 1946 - يىلى 200 دىن ئارتۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى بار ئىكەن. 1956 - يىلى نۇرغۇنلىغان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى قاتتىقلىقى بىر ئاز بوشاشتۇرۇلغان. گوللاندىيىنىڭ ئېلان قىلغان مۆلچەر سانىغا قارىغاندا، 1921 - يىلدىن 1960 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19 مىليونغا يەتكەن. 1922 - يىلدىن ئىلگىرى بۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرى مەخپىي ساقچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، 1922 - يىلدىن 1934 - يىلغىچە O.C.P.U نىڭ، 1934 - يىلدىن 1946 - يىلغىچە N.K.V.D نىڭ، 1946 - يىلدىن 1953 - يىلغىچە M.V.D نىڭ، 1953 - يىلدىن كېيىن K.G.B نىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن. 1961 - يىلدىن باشلاپ مەھبۇسلار كۈنىگە 2,400 كالورىيە ئىسسىقلىققا ئېرىشىشى بەلگىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى ئەك كۆپ دۆلەت | UyghurWiki | UyghurWiki