UyghurWiki
UyghurWikiئاڭكېمە قاتنىيالايدىغان ئەڭ ئۇزۇن دەريا

كېمە قاتنىيالايدىغان ئەڭ ئۇزۇن دەريا

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە كېمە قاتنىيالايدىغان ئەڭ ئۇزۇن تەبىئىي دەريا ئامازونكا دەرياسى بولۇپ، دېڭىز پاراخوتلىرى ئېقىنىغا قارشى مېڭىپ، دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن 3600 كىلومېتىر يىراق بولغان پىرونىڭ ئىكىتوس دېگەن يېرىگىچە كېلەلەيدۇ. مەملىكەتلىك جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى بىر قېتىملىق كېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، خېلېن ۋە فرانكى سىچرېدېر دېگەن ئىككى كىشى مائۇرى ناملىق يېنىك سالغا ئولتۇرۇپ دەريانىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىدىن 6187 كىلومېتىر يىراق بولغان پىرونىڭ سان فرانسىسكودىن دەريا ئېقىنىنى بويلاپ يولغا چىقىپ، 400 كىلومېتىر يول يۈرۈپ ئاتالاياغا يېتىپ بارغان. ئۇ يەردىن يەنە بىر ماتورلۇق قېيىققا ئالمىشىپ، دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغا 572 كىلومېتىر كېلىدىغان پۇكاللپاغا كەلگەن، ئۇ يەردىن ئۇزۇنلۇقى توققۇز مېتىر كېلىدىغان بېنزىن بىلەن ماڭىدىغان <ئامازونكا ئايال پادىشاھى> ناملىق پاراخوتقا ئولتۇرۇپ، بىرازىلىيىنىڭ بېلېم دېگەن يېرىگە كەلگەن، جەمئىي 4,214 كىلومېتىر يول يۈرگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش 1969 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئاخىرلاشقان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
كېمە قاتنىيالايدىغان ئەڭ ئۇزۇن دەريا | UyghurWiki | UyghurWiki