UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ زور سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسى

ئەڭ زور سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ زور سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسى ئامېرىكىدىكى چوڭ گۇلى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى توققۇز مىليون 72مىڭ كىلوۋات كېلىدۇ. لېكىن يېڭى قۇرۇلۇۋاتقان ئىتېپ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ لايىھىلەنگەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 12 مىليون 600 مىڭ كىلوۋات. برازىلىيە بىلەن پاراگۋاي 1973 - يىلى ئاپرېلدا ئىتېپ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسى برازىلىيە ئېگىزلىكىدىن باشلىدىغان پارانا دەرياسىنىڭ ئىگۇئىلا شارقىراتمىسىغا يېقىن جايلاشقان برازىلىيە - پاراگۋاي چېگرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان جايغا سېلىنغان. بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز - پەس بولۇپ، سۇ تېز ئاقىدۇ. بۇ جاينىڭ سۇ كۈچى بايلىقى مول، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسى ئىتېپ دېگەن كىچىك ئارالغا سېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئىتېپ يەرلىك تىل بولۇپ، «ناخشا ئېيتالايدىغان تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسى 1975 - يىلى نويابىردا رەسمىي ئىش باشلىغان. دەسلەپكى قۇرۇلۇش ئېقىنىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بولغان. يالغۇز پارتلاتقۇچ دورىدىنلا سەككىز مىليون كىلوگرام ئىشلىتىلگەن. 1978 - يىلى 20 ئۆكتەبىر كۈنى ئىككى قېتىم جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن قاتتىق ئاۋاز كۆتىرىلىپ، 58 توننا پارتلاتقۇچ دورا پارتلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئېقىننىڭ ئىككى بېشىدىكى بېتون توسما ئېچىلىپ، دەريا قېنى ئوڭۇشلۇق ئۆزگەرتىلگەن. 1979 - يىلى مايدا دەسلەپكى ئاساسلىق دەريا قېنىنىڭ ئېقىننى توسۇش قۇرۇلۇشى تامامەن ئاياغلاشقان. قۇرۇلۇش لايىھىسى بويىچە، ئىتىپ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسىنىڭ ئاساسىي توسىمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 176 مېتىر بولۇپ، 62قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىدەك كېلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 1406 مېتىر كېلىدۇ. سۇ ئورنىنىڭ پەسىيش پەرقى 120 مېتىر بولۇپ، تاشقىن چۈشۈرگىسى سېستىمىسىدا جەمئىي 16 مىڭ چوڭ چۈشۈرگە بار. بۇلارنىڭ تاشقىننى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارى سېكۇنتىغا 58000 كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ دەريانىڭ تا ھازىرغا قەدەر بولغان ئەڭ چوڭ تاشقىن مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلگەن توپا - تاش 68 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. ئىتېپ قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، 1400 كۋادرات كىلومېتىر يەرنى سۇ بېسىپ، ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر يەرنى سۇ بېسىپ، ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ ئامبىرى ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. ئۇنىڭدا ساقلىنىدىغان سۇ مىقدارى 29 مىليارد كۇب مېتىر كېلىدۇ. ئېلېكتىر ئىستانسسى بىناسى ئاساسىي توسمىنىڭ ئاستىنقى قىسىمىغا قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 943 مېتىر، كەڭلىكى 90 مېتىر، ئېگىزلىكى 90 مېتىر بولۇپ جەمئىي 20 تۇربىنلىق گېنىراتور گۇرۇپپسى ئورنىتىلىدۇ. بۇلاردىن ئىككىسى زاپاس تۇرىدۇ. قالغان ئون سەككىزى يىل بويى ئىشلەيدۇ. ھەربىرى 700 كىلوۋاتتىن جەمئىي 12 مىليون 600 مىڭ كىلوۋات توك بېرىدۇ. بەزىلەر مۇنداق تەمسىل كەلتۈرگەن: يەر شارى بىلەن ئاينىڭ ئارىلىقىغا ئۈچ تال سىم تارتىلىپ، ھەر 45 مېتىر ئارلىققا 45 ۋاتلىق سىماب لامپا ئورنىتىلسا، ئۇنىڭغا ئىتېپ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسى چىقارغان توك يېتىپلا قالماي، بەلكى ئېشىپمۇ قالىدۇ. پۈتۈن ئىتېپ قۇرۇلۇشىغا 13 مىليون كۇب مېتىر بېتون كېتىدۇ. بۇ بېتون بىلەن ھەر قەۋىتى 500 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان 10 قەۋەتلىك بىنادىن 6500 بىنانى قۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تۆت مىليون ئاھالىسى بار شەھەردىكى پۈتۈن تۇرار جايغا توغرا كېلىدۇ. بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسسىنى قۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغ 8 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 1988 - يىلى پۈتۈنلەي پۈتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئۇ پاراگۋانىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاساسىي سانائەت رايونلىرىنىڭ ۋە برازىلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمدىكى ئاساسىي سانائەت رايونلىرىنىڭ ئېلېكتىر كۈچىگە بولغان ئىھتىياجىنى قامدايدۇ. (ۋېن جيې)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ