ھەربىي ئىشلار خىراجىتى ئەڭ كۆپ دۆلەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
مۆلچەرلىنىشىچە، 1977 - يىلى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەربىي ئىشلار خىراجىتى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ، دۇنيا بويىچە ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت ئىشلىرى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 6% ىنى ئىگەللەيدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئىشلار خىراجىتى 1976 - يىلى تەخمىنەن خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 13% ىنى ئىگەللىگەن. ئامېرىكىنىڭ 1977 - يىلدىكى <مۇداپىئە كۆرۈش> چىقىمى 126 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 6.9% ىنى ئىگەللىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھازىر دۇنيا بويىچە ھەربىي ئىشلار خىراجىتى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.