ئەڭ دەسلەپكى ھەر خىل پوچتا ماركىلىرى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
پوچتا ماركىسىنىڭ تارقىلىش سانىنىڭ ئېشىشى، ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تۈرى، شەكلى، نۇسخىلىرىدىمۇ خىلمۇ - خىل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ ماركىلار تۆۋەندىكىچە:
1845 - يىلى گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستاندا كەم تۆلەنگەن پوچتا ھەققى ماركىسى تارقىتىلغان.
1851 - يىلى ئاۋسترىيىدە ئاخبارات قەغىزى پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1854 - يىلى ئىسپانىيىدە ھۆكۈمەت ئىشلىرى پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1879 - يىلى بېلگىيىدە پوسۇلكا پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1888 - يىلى پانامادا زاكاز پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1893 - يىلى ئامېرىكىدا خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1917 - يىلى ئىتالىيىدە ئاۋىئاتسىيە پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1851 - يىلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى يېڭى شوتلاندىيىدە يانتۇ شەكىللىك پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1853 - يىلى ئۈمۈت تۇمشۇقىدا ئۈچ بۈرجەكلىك پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1854 - يىلى گۋىئانادا يۇمۇلاق شەكىللىك پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1886 - يىلى مېكسىكىدا ئېللىپىس شەكىللىك پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1898 - يىلى تۈركىيىدە سەككىز بۈرجەكلىك پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1887 - يىلى پانامادا خەرىتە پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.
1851 - يىلى كانادادا ھايۋاناتلار پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان.