UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ پرىماتلار

ئەڭ چوڭ پرىماتلار

دۇنيادىكى ئەڭلەر زوئولوگىيىدە مايمۇنلار، ئادەمسىمان مايمۇنلار ۋە ئورانگوتانلار قوشۇلۇپ پرىماتلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلارمۇ، بىئولوگيىلىك تەدرىجى ئۆزگىرىش نۇختىسىدىن قارىغاندا، پرىماتلار قاتارىغا كىرىدۇ. پىرىماتلار ئارىسىدا ئافرىقىدا ياشايدىغان گورىللالارنىڭ گەۋدىسى ئەڭ چوڭ كېلىدۇ. ئۇگاندانىڭ غەربىي جەنۇبىدا ۋە سەيىنىڭ شەرقىدىكى پەس تۈزلەڭلىكلەردە ياشايدىغان گورىللالارنىڭ ئەركەكلىرىدىن قۇرامىغا يەتكەنلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 1.47 - 1.57 مېتىر، ئېغىرلىقى 164 كىلوگىرام كېلىدۇ. تاغلىق رايونلاردىكى گورىللالارنىڭ ئەڭ ئېگىزى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 1921 - يىلى كونگونىڭ شەرقىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر گورىللا ئىكەن. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.81 مېتىر كەلگەن. ئەڭ ئېغىر گورىللائەركەك گورىللا بولۇپ، ئېگىزلىكى 1.7 مېتىر، كۆكرەك ئايلانمىسى 1.8 مېتىر كەلگەن. قەپەزدە بېقىلغاندىن كېيىن ئېغىرلىقى 293 كىلوگىرامدىن 304 كىلوگىرامغىچە كەلگەن. ئۇ يىلى 1942 - يىلى 15 - مارتتا سانتىياگو ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئۆلگەن. گورىللالانىڭ ئالدى پۇتى كەينى پۇتىدىن ئۇزۇن ، غولىچىنى كېرىگەندە ئۇزۇنلۇقى2.7 مېتىر غا يېتىدۇ. پۇت ۋە قولى ئادەمنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسىدىن چوڭراق. گورىللا قۇيۇق ئورمانلىقتا ياشايدۇ. چىشلىرى بىلەن ياشلىرى دائىم دەرەختە يۈرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ئەركەكلىرى گەۋدىسى ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقتىن، كۆپىنچە يەردە ياشايدۇ. گورىللا ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە ماڭالايدۇ. ئادەتتە بولسا تۆت پۇتلاپ ماڭىدۇ. ئۇلار ئادەتتە، 4 - 5 ى ياكى 10 - 15 ى بىر جەمەت بولۇپ بىللە ياشايدۇ. قېرىسى ئائىلە باشلىقى بولىدۇ، كېچىلىرى چىشىلىرى بىلەن ياشلىرى دەرەختە ياتىدۇ. ئەركىكى دەرەخ ئاستىدا يېتىپ قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى نەچچە ئونلىغان تىجارەت كىنولىرىدا گورىللا يىرتقۇچ، ئاچكۆز ۋە دەھشەتلىك مەخلۇق قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئەمىلىيەتتە بولسا، گورىللا ئۇياتچان ۋە مۇلايىم ھايۋان بولۇپ، گۆش يېمەيدۇ، ئۇلار ياۋا ھايۋانلار ئۇلارغاھۇجۇم قىلسا ،ئۇلار قاتتىق قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. شۇڭا ئافرىقىنىڭ يېرقۇچ شىرلىرىمى گورىللاغا چېقىنىشقا پېتىنالمايدۇ. گورىللا ئەقىل - پاراسەتلىك ھايۋان بولۇپ، بەزىلەر ئۇلارنى ئىنسانلارغا خاس ئاڭغا ئىگە دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: تەربىيلەنگەن گورىللا باشقا ھايۋانلارغا ھېسداشلىق قىلالايدۇ. ئادەملەر بىلەن «سۆزلىشەلەيدۇ ۋە تىللىشالايدۇ» قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن «يالغان سۆزلەپ » قويىدۇ. ھازىر گورىللالارنىڭ سانى ناھايىتى ئازىيىپ كەتتى. ھەتتا ھايۋاناتلار باغچىسىدا بېقىلىۋاتقانلىرىمۇ ناھايىتى ئاز، شۇڭا ئۇلار ئالاھىدە قىممەتلىك ھايۋان بولۇپ قالدى. ئۇلار ئافىرىقىدا بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىغان ھايۋانلار قاتارىغا ئۆتتى. (خۇا خۈەيلۇن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ