ئەڭ چوڭ ئېلان تاختىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئېلان - توۋارنىڭ بازىرىنى چىقىرىدىغان بىر خىل مۇھىم ۋاستە، ئۇنىڭ ھەرخىل شەكلى بار؛ گېزىت - ژورناللارغا بېسىلىدۇ. تېلېۋىزىيە، رادىئو ئارقىلىق تەشۋىق قىلىنىدۇ. ماگازىن ئىشىكلىرىگە باسما شەكلىدە چاپلىنىدۇ ياكى ئېلان تاختىسى ئېسىلىدۇ. ئېلان توۋارلارنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى باشلاش رولىنى ئويناپ، ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ئىستىمالچىلارغا ئۇڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ؛ شۇڭا ئالاھىدىلىككە ئىگە يېڭى ئېلانلارنى لايىھىلەش لازىم. تېخىمۇ مۇھىمى، ئېلاننىڭ مەزمۇنى ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزلەش ئاساسىدا توغرا بولۇشى كېرەك. لېكىن بەزىلەر ئېلاننى خېرىدارلارنى جەلپ قىلىپ، ئارتۇقچە پايدا ئېلىش ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ. بولۇپمۇ بازارلار ئوخشاش تۈردىكى تاۋارلار كۆپلەپ كىرگەندە، ئۇلار رىقابەتلىشىش ئۈچۈن قانچىلىك چىقىم تارتىشقا قارىماي ئېلان ئۈستىدە داۋراڭ سېلىپ، ئېلاننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى شۇ توۋارغا قىزىقتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېلانلارنىڭ شەكلى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئېلان تاختىلىرىمۇ بارغانسېرى چوڭايدى.
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلان تاختىسى 1925 - يىلى سىتروئېن شىركىتىنىڭ پارىژدىكى ئېغىر تۆمۈر مۇنارىغا ئاسقان ئېلېكتىرلەشكەن ئېلان تاختىسى بولۇپ، ئۇ تۆمۈر مۇنارنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىن تا ئۇنىڭ ئۇچىغىچە ئېسىلغان. ئۇنى 30 كىلومېتىر نېرىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى «N»ھەرپى تۆمۈر مۇنارنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىن ئۈچىنچى قەۋىتىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 20.5 مېتىر كېلىدۇ. كەچ كىرگەندە، ئېلان تاختىسىنى ئايلاندۇرۇپ ئورالغان 90 كىلومېتىرلىق توك سىمىد 250 مىڭ دانە لامپۇچكا 6 خىل رەڭدە نۇر چاچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېچىمۇ كۈندۈزدەك يۇپ - يۇرۇق تۇرىدۇ. بۇ ئېلان تاختىسى 11 يىل ئىشلىتىپ م 1936 - يىلى ئېلىۋېتىلگەن . ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېلان تاختىسى دېگەن نامنى تاھازىرغا قەدەر ساقلاپ كەلمەكتە. (چېڭ دېروڭ)