UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتۇنجى ئېلان شىركىتى

تۇنجى ئېلان شىركىتى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئېلانچىلىق ھازىر بىر كەسىپ بولۇپ قالدى. 1882 - يىلى، ھامور لوندوندا تۇنجى چىراغلىق ئېلان چىقىرىپ، نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلپ قىلغان. ئىرلاندىيلىك لىپتون دېگەن كىشى ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن شار ئارقىلىق تەشۋىقات ۋارىقىسىمان ئېلان تارقاتقان. بورس ئىسىملىك بىر سوپۇن سودىگىرى داڭلىق ئايال ئارتىست ۋە رەسساملارنى يۇقىرى باھادا ياللىۋېلىپ، ئۇلارغا ئېلان تەشۋىق قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن سەنئەتچىلەرمۇ تاۋار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان. كېيىن لاتارىيە شەكلىدىكى ھەرخىل ئېلانلارمۇ بارلىققا كەلگەن. ئەنگلىيىدە 1662 - يىلى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» دېگەن تۇنجى گېزىت نەشر قىلىندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، تارىخشۇناس ھېنرى سانپوسېن گېزىتكە يۈتۈپ كەتكەن ئېتىنى ئىزدەش توغرىسىدا ئېلان چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن ئېلان گېزىت سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان. 1666 - يىلى «لوندون گېزىتى» دە ئېلان ستونى ئېچىش جاكارلانغان. 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا رادىئونىڭ ئومۇمىيلىشى ۋە 40 - يىللىرىدا تېلېۋىزورنىڭ بارلىققا كېلىشى ئېلانغا يېڭى يول ئېچىپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى يەرشارىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتكەن. 1630 - يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى ئېلان شىركىتى بارلىققا كەلدى. شۇ يىلى پارىژلىق بىر دوختۇر مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ماگىزىن ئاچقان بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئۈچ سۇ (فرانسىيىنىڭ قەدمكى مىس پۇلى بولۇپ، بەش سانتىم قىممىتىگە تەڭ) خەجلىسىلا، ئۇنىڭغا ماگىزىن ئىشىكى ئالدىغا خالىغان مەزمۇندا بىر ئېلان چاپلاپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلان شىركەتلىرى يامغۇردىن كېيىن ئۆسكەن بامبۇك نوتىلىرىدەك تېز كۆپىيىشكە باشلىغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ