تۇنجى سەييارە تەكشۈرگۈچ
دۇنيادىكى ئەڭلەر
كىشىلەر سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سەييارە تەكشۈرگۈچىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشتى. قۇياش سېستىمېسىدا مىركۇرى، ۋېنىرا، يەرشارى، مارس، يۇپىتىر، ساتورىن، ئۇران، نېپتۇن، پلوتۇن دېگەن توققۇز سەييارە بار. يەر شارىغا ئەڭ يېقىن تۇرغان ۋېنىرا تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنىچى نىشانى قىلىندى. باشتا ئىش ئوڭۇشلۇق بولماي، ئارقىمۇ - ئارقا مەغلۇبىيەت يۈز بەردى. 1962 - يىلى 27 - ئاۋغۇستتا «ماتروس - 2» ناملىق تۇنجى ۋېنىرا تەكشۈرگۈچ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. «ماتروس - 2 » 14 - دىكابىردا ۋېنىراغا 34838كىلومېتىر يىقىنلىشىپ، ئۇنى يېقىندىن تەكشۈردى. شۇنىڭ بىلەن، سۈنئىي سەييارىگە ئايلىنىپ ، قۇياش ئەتراپىدا مەڭگۈ ئايلىنىدىغان بولدى. ئۇ قۇياشنى 345.9 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ۋېنىرا تەكشۈرگۈچنىڭ بىر قانچىسىنى قويۇپ بەردى. بۇلاردىن بەزىلىرى ۋېنىرا ئاتموسفېراسىغا كىردى. بەزىلىرى ۋېنىراغا قوندى. ئۇلار يەرشارىغا نۇرغۇن ماتىرياللارنى يوللاپ، ۋېنىرا يۈزىدىكى چۈمبەلنى ئېچىپ تاشلاپ، زور نەتىجىگە ئېرىشتى.
مارس - قۇياش سېستىمىسىدا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر ئاسمان جىسىمى. ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ بار - يوقلۇقى بىر تېپىشماق بولۇپ كەلمەكتە. سەييارىلەر ئارا ساياھەت باشلانغان ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچتا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىنىغان «مارس ئادەملىرى»نى دەرھال زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقى تەبئىي ئىدى. كىشىلەر 1965 - يىلى مارسنى تەكشۈرگۈچى «ماتروس - 4» نى قويۇپ بېرىپ، مارس ئۈستىدە ئۇنىڭغا يېقىن جايدىن تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر مارس تەكشۈرگۈچتىن بىر قانچىسىنى قويۇپ بەردى، بۇلاردىن بەزىلىرى مارس ئوربىتىدا ئۇچۇپ يۈردى. بەزىلىرى مارسنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئۇلار نۇرغۇن ماتىرياللارنى يوللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ مارستا ئادەمنىڭ ئىزىنى تاپالمىدى.
مېركۇرى تەكشۈرگۈچ «ماتروس - 10» 1973 - يىلى 3 - نويابىردا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. ئۇ 506 سوتكا ئۇچتى. ئۇ ئۇچۇش داۋامىدا يەر شارىغا 4000 پارچىدىن ئوشۇق ناھايىتى ئېنىق تېلىۋىزور سۈرەتلىرىنى يوللاپ بەردى. كىشىلەر مۇشۇ سۈرەتلەرگە ئاساسلىنىپ، مېركۇرىنىڭ يەرشەكلى خەرىتىسىنى ئىشلەپ چىقتى. مېركۇرى كىشىلەردە شۇنداق تەسىرات قالدۇردىكى، ئۇ ئايغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن!
تاشقى سەييارە يۇپىتېرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا 1972 - يىلى 3 - مارتتا تۇنجى يۇپتېر تەكشۈرگۈچ «ئاۋانگارت - 10»نى قويۇپ بەردى، «ئاۋانگارت - 10 »مارس ئوربىتىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى ئىيۇلدا ئۇششاق سەييارىلەر بەلۋېغىغا كىردى. 1973 -يىلى فېۋرالدا بۇ خەتەرلىك رايوندىن ساق - سالامەت ئۆتۈپ، توپ - توغرا يۇپىتېرغا قاراپ ئۇچۇپ، قۇياش سېستىمىسىدا ئەڭ زور سەييارە سانالغان يۇپىتېرنى كۈزىتىشكە باشلىدى. ئېغىرلىقى 270 گىلوگىرام كېلىدىغان بۇ «ئەلچى» بىر مىليارت كىلومېتىر يول بېسىپ، 21 ئاي ئۇچۇپ ، 1973 -يىلى 5 - دىكابىردا يۇپىتېرنىڭ ئۈستىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يوللىغان ماتىرياللاردىن قارىغاندا، يۇپېتىر ئۈستىدىكى غەلىتە قىزىل چوڭ داغ ئون كىلومېتىر ئېگىزلىكتە قەد كۆتىرىپ تۇرغان بۇلۇت ئىكەن. بۇ بۇلۇت سائەت يىڭنىسىنىڭ تەتۈرىچە پىرقىرايدىغان ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچى قويۇن بولۇشىمۇ، جىددىي يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ھاۋا ئېقىمى بولۇشىمۇ مۇمكىن. «ئاۋانگارت - 10 » يۇپىتېرنىڭ ئىنتايىن زور تارتىش كۈچى ئارقىلىق تېزلىنىپ، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىنى ئاخىر يېڭىپ قۇياش سېستىمىدىن تۇنجى قېتىم ئاجرالغان ئالەم كېمىسى بولۇپ قالدى. ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەڭ يىراقتىكى سەييارە - پلۇتوننىڭ ئوربىتىنى كېسىپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن سائىتىگە 80 مىڭ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ئالتۇن كالا يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە قاراپ ئۇچتى. (تەن دېتۇڭ)