UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى پوچتا ماركىسى

ئەڭ دەسلەپكى پوچتا ماركىسى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئېيتىشلارغا قارىغاندا پوچتا ماركىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق بولغان ئىكەن. ئەنگلىيە ماتېماتىكا ئالىمى روۋلاند خىللى 1938 - يىلى يازنى شوتلاندىيىنىڭ بىر چەت يېزىسىدا ئۆتكۈزگەن. بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ مەھەللىدە ئايلىنىپ يۈرگەندە، بىر قىزنىڭ پوچتالىيون ئېلىپ كەلگەن خېتىنى تاپشۇرۇۋالغىلى ئۇنىماي، پوچتالىيونغا: <مەندە بۇ خەتنى ئالغىدەك پۇل يوق، خەتنى قايتۇرۇۋېتىڭ!> دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلايدۇ. خىللى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن پوچتا ھەققىنى تۆلەپ قويىدۇ، قىز خىللىغا: <ئائىلىمىز ناھايىتى نامرات، سۆيگىنىم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ئىدى، ئۇنىڭدىن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم خەت كېلىدۇ، پوچتا ھەققى مېنىڭ بىر ھەپتىلىك ئىش ھەققىمگە باراۋەر كېلىدىغانلىقتىن بىز ئۇ ماڭىدىغان چاغدا، ئەگەر ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسا كونۋېرتنىڭ ئۈستىگە يۇمۇلاق چەمبىرەك سىزىپ ئەۋەتىشنى كېلىشىۋالغان ئىدۇق. مەن بۇ بەلگىنى كۆرگەندىن كېيىن، پوچتا ھەققى تۆلەپ خەتنى ئېلىشىمنىڭ ھېچ زۆرۈرىيىتى يوق> دېگەن. خىللى بۇ قىزغا ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىللە پوچتا ھەققىنى خەت تاپشۇرۇۋالغۇچى تۆلەش بەلگىلىمىسىنىڭ پوچتا كىرىمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە: خەت سالغاندا خەت ئەۋەتكۈچى ماركا سېتىۋېلىپ كونۋېرتقا چاپلاپ، پوچتا ھەققىنى تۆلەپ بولغانلىقىنى ئىسپات قىلىشى، خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىدىن قايتا ھەق ئالماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1840 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىللىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ۋىكتورىيىنىڭ يېنىچە چۈشكەن رەسىمىي چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسىنى لايىھىلەپ چىققان. بىر پېنسىلىق ماركىنىڭ ئاستى قارا رەڭلىڭ، ئىككى پېنسىلىق ماركىنىڭ ئاستى كۆك رەڭلىك بولۇپ، ئادەتتە <قارا پېنىسلىق> پوچتا ماركىسى دەپ ئاتىغان. بۇ خىل ماركا 1840 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلغان. 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى رەسمىي ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى پوچتا ماركىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ پوچتا ماركىسى چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ 4 - يىلى (مىلادى 1878 - يىلى) دىن باشلاپ تارقىتىلغان بولۇپ، 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگەن. 1929 - يىلى ماۋجۇشى قۇرغان جىڭگاڭشەن ئىنقىلابى بازىسىنىڭ خۇنەن - خۇبېي چېگرا رايونلىرىدىكى پوچتا ئورۇنلىرى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق بىر يۈرۈش پوچتا ماركىسىنى تارقاتقان، بۇ ماركىلار ھازىر 50 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ دەسلەپكى پوچتا ماركىسى | UyghurWiki | UyghurWiki