ئەڭ بۇرۇنقى قۇش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
قۇشلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى ناھايىتى ئوبدان ساقلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلانغان يەككە گەۋدىسىدىن ئالتىسى تېپىلدى. تاشقا ئايلانغان بۇ قۇشلار يەنى «بوۋىقۇش» كېيىنكى يۇرا دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر 100 مىليون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن. ئۇلار ھازىرغا قەدەر پەقەت گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە ئوبلاستىدىكى سولونھافېن دېگەن جاينىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان شىبەلىك ھاك تاشتىنلا تېپىلدى. بۇ جاي ئەينى زاماندا ئىسسىق بەلباغ تېيىز سۇلۇق مارجان ئاراللىرىدىكى كۆللەردىن بوۋىقۇشلار ئاندا - ساندا چۈشۈپ كېتىپ، تاشقا ئايلانغان قالدۇق سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان. بۇ يەردىكى ھاك تاش سىپتا بولۇپ، تاش باسما ماتېرىيالى قىلىشقا ئەپلىك، شۇڭا بۇ جاي تاش كولانغان ئازگال بولۇپ قالغان. بىرىنچى ئەۋرىشكە 1861 - يىلى 20 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئازگالدىن تېپىلغان، ئۇنىڭ ئىسكىلىتى مۇكەممەل، پەيلىرى چىرايلىق، ئوبرازى ئەينەن بولۇپ، قانىتىنىڭ ئالدىدا تىرناقنىڭ قالدۇقى بار. قۇيرۇق ئومۇرتقىسىنىڭ سۆڭىكى ناھايىتى ئۇزۇن، ئاغزىدا چىشى بار، بۇلار ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ قۇشلارغا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشتىكى ئۆتكۈنچى خۇسۇسىيەتنى نامايەن قىلىپ، قانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىدا تېپىلماس ئەمەلىي مىسال ۋە دېئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزملىق ياخشى دەرسلىك سانىلىدۇ. لېكىن بوۋىقۇشنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى زاماندىكى توخۇ، ئۆردەكلەردىن ئانچە پەرقلەنمىسە كېرەك.